باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

پىرقىرىما سوقا سېتىۋېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 16:15:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

1. سەپلىمىلىرى مۇۋاپىق بولۇش. پىرقىرىما سوقىنىڭ قۇۋۋىتى سەپلىنىدىغان تىراكتورنىڭ قۇۋۋىتىدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. پىرقىرىما سوقىنىڭ مەشغۇلات دائىرىسى سەپلىنىدىغان تىراكتورنىڭ ئوڭ - سول تەرەپلىرىنى قاپلىيالىشى، چاقلىق ئۈچ نۇقتىلىق ئاسما پىرقىرىما سوقىنى چاتقاندىن كېيىن، تىراكتورنىڭ ئالدى - كەينى چاقىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك.

2. بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇش. پىرقىرىما سوقىنىڭ ئايلىنىدىغان قىسىملىرىدا بىخەتەرلىك قاپقىقى بولۇش ھەمدە قاپقاق پۇختا بولۇشى كېرەك؛ پىرقىرىما سوقىنى ئايرىم قويغاندا مۇقىم تۇرالىشى، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا، قىيسىيىپ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ سىرتقى قېپىدا ئەڭ ياخشىسى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى بولۇشى، چۈشەندۈرۈشنامىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى، بىخەتەر مەشغۇلاتتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، توغرا چېتىش، ئىشلىتىش ۋە مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى ياكى مۇۋاپىق جەدۋەللىك كۆرسەتكۈچ، تەڭشەش ئۇسۇلى، ئاسراش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كاشىلىلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

3. شۇ جاينىڭ تېرىقچىلىق تەلىپىنى قاندۇرۇش. سېتىۋالماقچى بولغان پىرقىرىما سوقا تېرىقچىلىقتا زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئاغدۇرۇش چوڭقۇرلۇقى تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك. ئادەتتە، پىرقىرىما سوقىلارنىڭ ئاغدۇرۇش چوڭقۇرلۇقى cm10 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

4. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇش. سېتىۋالغان جايدا جەزمەن رېمونت قىلىدىغان ۋە سەپلىمىلىرىنى ساتىدىغان مۇلازىمەت نۇقتىلىرى بولۇشى كېرەك. سېتىۋالىدىغان چاغدا رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، مال قايتۇرۇشتىكى «ئۈچكە كېپىللىك قىلىش» مۇلازىمەت كارتىسى قوشۇپ بېرىلىشى كېرەك. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋەدىسى «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى رېمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم.

5. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسى بەلگىسى بولغان پىرقىرىما سوقىنى سېتىۋېلىش لازىم.