باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

تىراكتورنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ناچار ئادەتلەر

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 16:18:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

1. يېڭى، كونا ئاپتولنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش. قىسمەن شوپۇرلار ئاپتول ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ئاپتولنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرماي، ئەكسىچە ئەگرى ئوق كورۇپكىسىغا يېڭى ئاپتول تولۇقلاپلا، مۇشۇنداق قىلسىمۇ سىلىقلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ھەم تېجەشلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاپتولنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ، غەيرىي نەرسىلەر كۆپىيىدۇ، سىلىقلاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېڭى ئاپتول تولۇقلىغان بىلەنمۇ، ئاپتولنىڭ سۈپەت تەلىپىگە يەتكىلى بولمايدۇ، زاپچاسلارنىڭ ئۇپرىشى تېزلىشىدۇ، سىلىندىر كەپلىمىسى، پورشىن قاتارلىقلارنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مايدىكى غەيرىي نەرسىلەر ئاپتول يولى دىۋارىغا چاپلىشىۋېلىپ، ئاپتول يولىنى توسىۋېلىپ، ئەگرى ئوقنى تۇتىۋېلىش، كۆزنەك كۆيۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. 
    2. گاز كىلاپان ئارىلىقىنى خالىغانچە تەڭشەش. قىسمەن شوپۇرلار مەخسۇس سايماندا تەكشۈرمەي، گاز كىلاپانى دەستىسىنى لىڭشىتىپ بېقىپلا، گاز كىلاپان ئارىلىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇنىڭدا پەرق ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن دىزېل موتورنىڭ مەشغۇلاتىغا يەنىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېنىك بولغاندا ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ، موتورنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا پورشىن گاز كىلاپانىغا سوقۇلۇش، ھەتتا پورشىن بۇزۇلۇش، شاتون سۇنۇش، ئەگرى ئوق ئۈزۈلۈش، سىلىندىرغا سوقىلىش قاتارلىق كاشىلىلار كۆرۈلىدۇ. 
    3. تۇرخۇننى ئۇزۇن ۋاقىت تازىلىماسلىق. كۆپىنچە شوپۇرلار تۇرخۇندىكى قۇرۇملارنى تازىلاشقا سەل قاراپ، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تازىلىمايدۇ. نەتىجىدە، تۇرخۇن تارىيىپ، گاز چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراپ، موتورنىڭ ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ، موتورنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بەك قىزىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تۇرخۇننى تازىلاش كېرەك. 
    4. يېڭى تىراكتورنى قىتلاندۇرمايلا ئىشلىتىش. بەزى شوپۇرلار يېڭىدىن تىراكتور سېتىۋالغاندا بەلگىلىمە بويىچە قىتلاندۇرماي، بىۋاسىتىلا مەشغۇلات قىلىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدا ماشىنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ. شۇڭا، يېڭىدىن سېتىۋالغان تىراكتورنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ئاسرىغاندىن باشقا، يەنە چوقۇم چۈشەندۈرۈشىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر مەزگىل سىناق تەرىقىسىدە مەشغۇلات قىلىپ قىتلاندۇرۇش، سۈرئىتىنى تەدرىجىي تېزلىتىش، يۈكنى تەدرىجىي كۆپەيتىش ئارقىلىق قىتلاندۇرۇش كېرەك. 
    5. مەشغۇلاتنىڭ ئالدى - كەينىدە تەكشۈرمەسلىك. كۆپىنچە شوپۇرلار مەشغۇلاتنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تەكشۈرۈشكە ئېتىبار بەرمەيدۇ، نەتىجىدە زاپچاسلار بوشاپ قېلىش، چۈشۈپ قېلىش، ھەتتا ئادەم يارىلىنىش ئەھۋاللىرىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھەر قايسى قىسىملارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بوشاپ قالغان زاپچاسلارنى چىڭىتىپ تەڭشەش، چۈشۈپ قالغانلىرى بولسا تولۇقلاش، زىيادە ئۇپراپ كەتكەن، شەكلى ئۆزگەرگەنلىرىنى رېمونت قىلىش كېرەك.