باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

تىراكتورنىڭ ماي سەرپىياتىنى تىجەش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-05 12:17:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

 تىراكتورنىڭ ماي سەرپىياتىنى تىجەش ئۇسۇلى

  1.ھاۋا تازىلىغۇچنى قەرەللىك ئاسىراپ تۇرۇش كېرەك    

  تىراكتۇرنى مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كىيىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى قەرەللىك تازىلاپ ،ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا ئالماشتۇرۇپ،تازىلىغۇچقا كىرىدىغان ھاۋانىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ،قارشىلىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

  2.تۇرخۇننىڭ يۆنىلىشىگە چېقىلماسلىق كېرەك

  تۇرخۇننىڭ يۆنىلىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.بۇنداق قىلغاندا موتورنىڭ گازچىقىرىش قارشىلىقى چوڭىيىپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.شۇڭا تۇرخۇننىڭ تۈز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلش كېرەك.

   3.كىلاپان يوچۇقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك

  كىلاپان يوچۇقىنى بەلگىلىمە بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .ئەگەرموتورنىڭ دوققا چاقلىق ئوقى ئۇپىراش سەۋەبلىك كىلاپان يوچۇقى كېڭىيىپ كەتسە ،كىلاپان يوچۇقىنى كىچىكلىتىپ (ئىككى مىللىمىتىردىن كىچىك بولسا بولمايدۇ )تەڭشەش ئارقىلىق چوڭىيىپ كەتكەن كىلاپان يوچۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك .دوققا چاقلىق ئوقنىڭ ئۇپىرىشى ئاخىرقى چەككە يەتكەن بولسا ،ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  4.ھەرىكەت ئۇزىتىش دېتاللىرىنىڭ يوچىقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تەڭشەش كېرەك.

تىراكتورنىڭ ھەرىكەت ئۇزىتىش دېتاللىرىنىڭ يوچۇقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تەڭشىگەندە،ھەرىكەت ئۇزىتىش دىتاللىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىنىرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتقىلى،ماي سەرپىياتىنى ۋە ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .

  5.چاتما سايمانلارنى توغرا چېتىش كېرەك

 تىراكتۇرغا دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە توغرا چېتىش،چېتىش يوچۇقى ۋە بۇلۇڭى توغرا بولىشى،تىراكتور چاقىنىڭ يەل بېسىمى ئۆلچەملىك بولىشى كېرەك،بولمىسا تىراكتورنىڭ ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ.

   6.تىراكتوردىن قارا ئىس چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  تىراكتور مەشغۇلات قىلغاندا قارا ئىس چىقسا مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ،بۇ خىل ئەھۋال تىراكتورنىڭ ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ .شۇڭا ھەرخىل مەشغۇلاتتا مۇۋاپىق خوت ئورنىنى تاللاش كېرەك .

    7.ئارتۇق يۈكلىنىشنىڭ ۋە بوش خوتتا يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

   تىراكتور مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا بوش خوتتا يۈرۈشتىن ،جىددى ۋە ئارتۇق ماي بېرىپ،ئارتۇق يۈكلىنىشتىن ساقلىنىپ ئارتۇق ماي سەرپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

   8.موتور تېمپىراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

  تېمپىراتۇرا تۆۋەن مەزگىلدە تىراكتورنى ئىشلەتكەندە،تىراكتورنى ئوت ئالدۇرۇپ مەلۇم ۋاقىت قىزىتىپ ،تېمپىراتۇرا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەندە ئاندىن قوزغاش، تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.تېمپىراتۇرا ئۆلچەمدىن بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە ،ئوخشاشلا ماي ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

                                       

 قۇربان بارات تەييارلىغان