پەس ، نەم يەرلەرنىڭ يەر تىپى
يوللانغان ۋاقىت:2016-06-04 13:17:00
مەنبە:خەلق تورى
مۇھەررىر:
مەسئۇل مۇھەررىر:
پەس، نەم يەرلەرنىڭ يەر تىپى ئاساسلىقى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى ۋە يەلپۈگۈچسىمان كەلكۈن چۆكۈندىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە، تاشقىن ساھىللىرىغا، پەس پەلەمپەي يەرلەرگە، دەريالار ئارىلىقىدىكى ئويمان يەرلەرگە ۋە كۆل بويىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان.
يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ئاساسلىقلىرى: چىملىق، سازلىق تۈرىدىكىلەر، تۇپراق ئورمانلىقى ياكى چاتقاللاردىن ئىبارەت، زەيگە ۋە شورغا چىداملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۆسىدۇ. ئاساسلىق تۇپراق تىپلىرىدىن: زەي تۇپراق، يوشۇرۇن يېتىلگەن تۇپراق، شاخ–شۇمبىلىق زەي تۇپراق، شورلۇق تۇپراق قاتارلىقلار بار. پەس نەم يەرلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تىپلىرىدىن ئاساسلىقى: چىملىق ۋە سازلىق پەس نەم يەرلەر، شور تۇپراقلىق پەس نەم يەرلەر بار. پەس، نەم يەرلەر شىنجاڭنىڭ تارىختىكى تۈزلەڭ رايونلار چارۋىچىلىقىنىڭ بازىسى بولۇپ، قىشلىق ئوتلاق ياكى تۆت پەسىل يايلاقلىرى جايلاشقان رايونلاردۇر.