باش بەت>تېرىقچىلىق

ئۇرۇقلۇق بۇغداي تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08 19:03:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن

خەلقىمىزدە «تاللىساڭ ئۇرۇق، قالمايسەن قۇرۇق» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئامىل. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇغدايلار پىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كېلەر يىلى يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.


ئۇرۇقلۇق بۇغداي تاللاش ئىشى ئادەتتە ئورما باشلىنىشتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بەك بالدۇر بولۇپ كەتسە، ئۇرۇقلۇق تولۇق پىشمايدۇ، كېيىن قالسا، بەك پىشىپ كېتىپ، دانلىرى ئاسانلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، مەخسۇس ئۇرۇقلۇق ئېتىزى بار دېھقانلار مۇۋاپىق ۋاقىتنى تۇتۇپ، ئارىلاشما ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ناچار بۇغداي تۈپلىرىنى يۇلۇپ تاشلىشى، مەخسۇس ئۇرۇقلۇق تېرىمىغانلار چوڭ ئېتىزلاردىن ئۆسۈپ يېتىلىشى تەكشى، ساپلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى جايلارنى دائىرە ياكى باشاق بويىچە تاللىشى لازىم. دائىرەبويىچە تاللاش دېگىنىمىزشۇ سورتنىڭ ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلىرىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن ھەم ئارىلىشىپ كېتىش، چېكىنىش ئەھۋاللىرى بولغان تۈپلەرنى تولۇق ئېلىۋېتىپ، باشقا تۈپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇقلۇققا قالدۇرۇش دېگەنلىك. باشاق بويىچە تاللاش دېگىنىمىز يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، كېسەل، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىمىغان، پىشىشى تەكشى بولغان تۈپلەرنى ئۇرۇقلۇققا تاللاپ قالدۇرۇش دېگەنلىك. ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن تاللاپ قالدۇرۇلغان ئېتىز (دائىرە) ياكى باشاقلارنى ئايرىم يىغىپ، ئايرىم سوقۇپ،ئايرىم ئاپتاپقا سېلىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن ئامباردا ياخشى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.