باش بەت>تېرىقچىلىق

مەھەللىۋى ئوغۇتلارنى توغرا ئىشلىتىش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-27 21:17:00 مەنبە:غۇلجا يېزا ئىگىلىكى تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

     1. دۈملەنمە ئوغۇت: بۇ ئوغۇت بولسا ئوت-چۆپ، ئەخلەت قاتارلىقلار ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ تەييارلانغان ئوغۇت بولۇپ، بۇ ئوغۇتلارنى ئەڭ ياخشىسى ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ياكى كۈزلۈك يەر ھەيدەشكە بىرلەشتۈرۈپ يەرنىڭ ئاستىغا ئاساسىي ئوغۇت قىلىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئوغۇتنى كۆرسىتىدۇ.

2. يېشىل ئوغۇت: بۇ ئوغۇت بولسا ئاساسلىقى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزدىكى يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيەسى بولسا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولنى ئوينايدىغان يېشىل ئوغۇت بولۇپ بۇ ئوغۇتلار تۇپراقنىڭ ئوغۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۇپراقنى تۇراقلاشتۇرۇش رولنى ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ ئوغۇتلار ئوغۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يەرلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

3. قوي قىغى  تۈردىكى ئوغۇتلار: بۇ ئوغۇتلارنىڭ تەركىبى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، بۇ ئوغۇتلارنى مۇنبەت يەرلەرگە ياكى تەسكەي يانباغىر يەرلەرگە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

4.  ئات قىغى: ئورگانىك ماددا، ئازوت، تالا ماددىسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق دۆۋىلەنگەن توپنىڭ ئىچىدە ئېچىشى تېز، تالا پارچىلغۇچى باكتىرىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، نەمخۇش يېپىشقاق تۇپراقلارغا ۋە تەسكەي يانباغىر تۇپراقلارغا ۋە قېتىشۋالغان ئېغىر تۇپراقلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

5.  كالا قىغى تۈرىدىكلەر: ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۆرنەك تىپىدىكى سوغۇق تۈردىكى ئوغۇت، كالا تۈرىدىكىلەرنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇنىڭغا 5-3 پىرسەنتكىچە ئوت-چۆپ كۈلى ياكى فوسفورلۇق رۇدا پاراشوكى ياكى ئات قىغى دۆۋىلەش ئېلىپ بارىمىز، بۇنداق قىلغاندا كالا قىغى تۈردىكى قىغلارنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئوغۇتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق ئوغۇتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ياكى قۇمسال تۇپراق ياكى تەسكەي يەرلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

6. ئادەم گەندىسى: بۇلارنى ئېچىتىپ بولغاندىن كىيىن بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ۋە ياكى گەندىگە توپا ئارىلاشتۇرۇپ قوشۇمچە ئوغۇت قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

    7.  ئوت-چۆپ كۈلى: كالىي، كالتسىي، فوسفور، سىنك قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئاساسىي ئوغۇت ياكى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ.

 

    8. ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكلەر: ئوزۇقلۇق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇ ئوغۇتلارنى ئۇرۇق ئوغۇتى ياكى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سەي-كۆكتاتلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يۇقارقى ئوغۇتلارنى ئىشلەتكەندە (1) ئېتىزغا قاراپ ئوغۇتلاشقا دىققەت قىلىش(2) زىرائەتلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ ئوغۇتلاش(3) تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا قاراپ ئوغۇتلاش(4) ھاۋارايىغا قاراپ ئوغۇتلاش(5) ئوغۇتنىڭ خۇسۇسيىتگە قاراپ ئوغۇتلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك.