باش بەت>تېرىقچىلىق

كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئۇرۇقلۇقى سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەش نۇقتا

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25 17:24:00 مەنبە:ماتېرىيالدىن مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت

دېھقانلار بۇغداي ئۇرۇقلۇقى سېتىۋالغاندا چوقۇم بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

1. قانۇنلۇق ئۇرۇقلۇق سودىسى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۇرۇقلۇقىنى تاللاش كېرەك.

2. مەملىكەتلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ياكى ئۆلكە قارارىدىن ئۆتۈپ كىرگۈزۈلگەن ئۇرۇقلۇقلارنى ھەم يەرلىك تېرىشقا ماس كىلىدىغان مەھسۇلاتنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

3. مەھسۇلاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە تاللىماسلىق كېرەك.

4. ئۇرۇقلۇقنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۇرۇقلۇق سۈپىتىنىڭ تەكشۈرۈلگەن دوكلاتىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق سېتىۋېلىش كېرەك.

5. ئۇرۇقلۇق سېتىۋېلىش ئىسپاتنامىسى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسپاتنامىگە مەھسۇلاتنىڭ نامى (قىسقارتىلمىسى يېزىلماسلىقى كېرەك)، مىقدارى، ئۇرۇقلۇق سېتىۋالغان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلار چوقۇم تەپسىلىي يېزىلىشى ھەم ئۇرۇقلۇق ساتقان ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك.