باش بەت>تېرىقچىلىق

كۆكتات ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25 18:54:00 مەنبە:ماتىريالدىن مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت

     1. يېسىۋىلەك ئۇرۇقى. يېسىۋىلەك ئۇرۇقىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ساقلاشقا بولمايدۇ. شۇ يىلى يىغىۋېلىنغان ئۇرۇقنى شۇ يىلى تېرىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئۇرۇقلارنىڭ ئۈنۈش نىسبىتى %20 تىن %30 كىچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەمدە كېسەلگە چىداملىقلىقى تۆۋەن بولىدۇ.

 .2    كۈدە ئۇرۇقى. كۈدىنىڭ شۇ يىلى يىغىۋېلىنغان ئۇرۇقىنى تېرىش ئەڭ مۇۋاپىق. يىل ئۆرۈلگەن ئۇرۇقنى تېرىسا ئاسان ئۈنمەيدۇ، ئۈنگەن تەقدىردىمۇ تېز قۇرۇپ كېتىدۇ. ئەگەر كۈدە ئۇرۇقى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن شارائىتتا ساقلانغان بولسا، 2 - يىلى تېرىشقا بولىدۇ.

 .3     تەرخەمەك ئۇرۇقى. تەرخەمەك ئۇرۇقىنى ساقلاش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتكەن تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتى %30 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 .4     غولپىياز ئۇرۇقى. غولپىياز ئۇرۇقى چوقۇم شۇ يىلى باھاردا يىغىۋېلىنغان يېڭى ئۇرۇق بولۇشى كېرەك. يىل ئۆرۈلگەن ئۇرۇقنى تېرىسا، ئۈنگەن تەقدىردىمۇ ئاجىز، ئىنچىكە ئۆسۈپ قالىدۇ.

 .5     شوخلا ئۇرۇقى. شوخلا ئۇرۇقىنى ئادەتتە تۆت يىل ساقلاشقا بولىدۇ. يېڭى شوخلا ئۇرۇقىدا ئىنتايىن ئۇششاق تۈكچىلەر بولىدۇ ھەم شوخلا پۇراپ تۇرىدۇ. كونا ئۇرۇقنىڭ پوستىدىكى تۈكچىلەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

.6      مۇچ ئۇرۇقى. مۇچ ئۇرۇقىنى ساقلاش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يېڭى مۇچ ئۇرىقىنىڭ رەڭگى سېرىق بولىدۇ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن مۇچ ئۇرۇقىنى تېرىشقا بولمايدۇ.