باش بەت>تېرىقچىلىق

كۈزلۈك بەسەي ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-26 17:24:00 مەنبە:ماتىريالدىن مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت


كۈزلۈك بەسەي ساقلاشقا چىداملىق، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئارا، كىيىن پىشار سورتلىرىنىڭ مو مەھسۇلاتى ئادەتتە 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، مو مەھسۇلات قىممىتى 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. كۈزلۈك بەسەي ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەلا سورتلارنى تاللاپ تېرىش. فېڭكاڭ 70، فېڭكاڭ 78، فېڭكاڭ 90، لۇبەي -8، شەندۇڭ - 4 قاتارلىق كۈزلۈك بەسەي ئەلا سورتلىرىنى تاللاپ تېرىش كېرەك. بۇ سورتلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى 70 كۈندىن 90 كۈنگىچە بولۇپ، ئارا - كىيىن پىشار سورتقا كىرىدۇ، مو مەھسۇلاتى ھەممىسىنىڭ 5000 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ.
مۇۋاپىق پەيتىدە تېرىش. كۈزلۈك بەسەينىڭ تېرىش ۋاقتىغا ۋە تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر قاتتىق، ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئىلاستىكلىقى كىچىك. شۇڭا مۇۋاپىق پەيتىدە تېرىش كېرەك. بەك بالدۇر تېرىلسا ھاۋا ئىسسىق، كىچە - كۈندۈزلۈك ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەرقى كىچىك بولۇپ، بۇ كۈزلۈك بەسەينىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز. ھەمدە كۈزلۈك بەسەي ئاسانلا ۋېرۇس كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ھاشارات زىيىنىنىڭ پەيدا بولىشىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ؛ بەك كىچكىپ تېرىلسا، كۈزلۈك بەسەينىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى قىسقىرايدۇ، تۈگىنەك تۇتۇش مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولغاچقا تۈگىنىكى بوش بولۇپ، سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. كۈزلۈك بەسەي ئادەتتە بىۋاسىتە تېرىلىدۇ، ھەرموغا 0.1 كىلوگىرام ئۇرۇق سېلىنىدۇ.
    ئوغۇتلاش، يەر تۈزلەش. كۈزلۈك بەسەينىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر زور، شۇڭا تۇپراق قاتلىمى قېلىن، نەملىك، سۇ ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، توختام سۇلارنى چىقىرىۋېتىشقا قولايلىق، ئالدىنقى يىلى كىرىسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار تېرىلمىغان قۇمساڭ تۇپراقلىق يەرگە تېرىپ، كېسەللىك زىيىنىنى يىنىكلىتىش كېرەك. ئاغدۇرغاندا، ھەر موغا 2000 كىلوگىرام چىرىگەن ئېغىل - كاتەك ئوغۇتى ۋە 25 كىلوگىرام كالتىسىي سۇپېر فوسفاتنى ئاساسى ئوغۇت قىلىپ بىرىش، ئاغۇرۇپ بولغاندىن كىيىن 1،4 مېتىر كەڭلىكتە (ئېرىقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاختىلاش كېرەك، ھەر بىر تاختىغا ئىككى قۇردىن، تۈپ ئارىلىقى 0.5 مېتىر قىلىنىپ تېرىلىدۇ، ھەر بىر ئۇۋىغا 15-20 دانە ئۇرۇق سېلىنىپ، ھەر مودا 2000 تۈپ مايسا قالدۇرىلىدۇ. تېرىغاندىن كىيىن ئۈستىگە 0،5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توپا يېپىلىپ، ئۈستىگە ئۇزۇنلىقى 6 سانتىمېتىرچە بولغان ئۇششاق پاخال يېپىلىپ، يامغۇردىن كىيىن يەرنىڭ قاتماللىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئىلمىي پەرۋىش قىلىش. كۈزلۈك بەسەي ئۈنگەندىن كىيىن 2، 4 ۋە 7 يوپۇرماق بولغاندا جەمئى 3 قېتىم تاقلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا ھەر بىر ئۇۋىدا 4 مايسا قالدۇرىلىدۇ، 2- قېتىمدا 2 مايسا قالدۇرىلىدۇ ، 3 - قېتىمدا مايسا بېكىتىلىدۇ. مايسا بېكىتىلگەندىن كىيىن بىر قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلىنىپ مايسىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر موغا 10 دەن ئېغىل- ھاجەتخانە ئوغۇتى ياكى 5-10 كىلوگىرام ئورېيا 10 دەن سۇغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ چېچىلىدۇ ھەمدە بىر قېتىم كولتىۋاتسىيە قىلىنىپ ئوتىلىدۇ. قۇرلار يېپىلىشتىن ئىلگىرى ھەرموغا 20 دەن ئېغىل- ھاخەتخانە ئوغۇتى ياكى 15 كىلوگىرام ئورېيا بىرىلىدۇ. تۈگىنەك تۇتۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە تاختا ئوتتۇرىسىغا چۆنەك ئېچىلىپ، ھەر موغا 25 كىلوگىرام ئورېيا ياكى %45 لىك ئۈچ تەركىپلىك بىرىكمە ئوغۇت بىرىلىدۇ، ئوغۇتلاپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە توپا يېپىلىپ، يوپۇرماق تۈگىنىكىنىڭ چىڭ يۇغىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
    كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش. كۈزلۈك بەسەيگە ئەجەللىك زىيان سالىدىغان كېسەللىك - يۇمشاپ چىرىش كېسىلى. بۇ كېسەل پەيدا بولغاندا كۈزلۈك بەسەينىڭ تۈۋى تەرىپى چىرىپ سېسىيدۇ، سېسىق پۇراق چىقىدۇ. 9- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان مەزگىل بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، %98 لىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ليەنمېيسۇنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %70 لىك دىكېسۇڭنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %50 لىك جۈندۇچىڭنىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ھەر 7 - 10 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 3 - 4 قېتىم چاچسا بولىدۇ. قىروسىمان پاختىلىشىش كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا %75 لىك بەيجۈنچىڭنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %70 لىك يىلىنلۈي ياكى %59 لىك جياشۇاڭلىننىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركىسە بولىدۇ. كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشنى مايسا مەزگىلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇنىڭدا %10 لىك بىچۇڭلىننىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %40 لىك روگور (لېگو)نىڭ 500ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش كېرەك.