باش بەت>تېرىقچىلىق

كېۋەز ھەققىدە ساۋات: كېۋەز غوزىكىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىش سەۋەبى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-30 12:23:00 مەنبە:ماتىريالدىن مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت مەسئۇل مۇھەررىر:

بىرىنجى، فىزىئولوگىيەلىك تۆكۈلۈپ كېتىش پاختا غوزىكىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ تەخمىنەن %60-%70 ئىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىقى، باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ۋە كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنى سەۋەبىدىن، تۈپلىرى ۋە غوزەك ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن بولىدۇ:

1› يىلتىزىنىڭ يېتىلىشى ناچار، سۇنى، ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈشى يېتەرلىك بولمايدۇ. كېۋەز تۈپلىرى پاكار، ئاجىز، سېرىق بولىدۇ ياكى  كېۋەز پىتى، قىزىل ئۆمۈچۈك زىيان سالغانلىقتىن، يوپۇرمىقىدا ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاز بولىدۇ.

2› زىچلىق دەرىجىسى ۋە باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئومۇمىي تۈپ بىلەن يەككە تۈپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ، ئۇلار كېۋەزلىكنى توسۇۋېلىپ، شامالنى ياخشى ئۆتۈشتۈرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يوپۇرماقنىڭ فوتوسېنتىزلىنىش( قۇياش نۇرىدىن ئوزۇقلىنىش) رولىغا تەسىر يېتىدۇ.

3› ئوزۇقلۇق ئەزاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئۆسۈشى تەڭپۇڭسىز بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ئەزاسىنىڭ ئۆسۈشى بەك ئېشىپ كەتسە، ئوزۇقلۇق ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، «زور دەرىجىدىكى بوشلۇق» شەكىللىنىدۇ.

ئىككىنچى، مېخانىك تۆكۈلۈش.

شامال، مۆلدۈرنىڭ سوقۇشى، قۇرۇتنىڭ چىشلىشى ۋە ئېتىزلىقنى باشقۇرغاندا مېخانىك زەخىملەندۈرۈش قاتارلىقلار غوزەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۇرۇقلىنالماسلىق.

گۈل ئېچىلغاندا يامغۇر يېغىپ كەتسە، ئۇرۇقلىنالمايدۇ ياكى 36.5 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا يولۇقسا، گۈل چېچەكلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ ھەم ئۇرۇقلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ.

غوزەكلەرنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى ئازايتىشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە: كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن دەل ۋاقتىدا ساقلىنىش، تىكىش ۋە پەرۋىش قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوغۇت، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، كېۋەزلىكتىكى تۈپلەرنىڭ بەك قويۇق ئۆسۈپ،    ئېتىزلىقنى توسۇۋېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش، كېۋەزلىكنىڭ شامال ئۆتۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش