باش بەت>تېرىقچىلىق

زىرائەتلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-05 16:30:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

زىرائەتلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

 كۆممەقوناق:كۆممەقوناق غول تارتپ چوڭ كانايسىمان بولغىچەئارىلىق ئوزۇقلۇقنى ئەڭ ياخشى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ ،ئادەتتە غول تارتىشنىڭ ئالدى –كەينىدە تۇنجى قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلاش كېرەك.ھەر مو يەرگە ئون كىلوگىرام ئورىيا ئىشلىتىلسەبولىدۇ؛ئۇچىنى ئۈزۈشتىن يەتتە –ئون كۈن بۇرۇن ئىككىنجى قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلاش كېرەك،ھەر مو يەرگە 20 كىلوگىرام ئورىيا ئىشلىتىلسە بولىدۇ؛ئەگەر ئاساسى ئوغۇت بىلەن ئۇرۇقلۇق ئوغۇت يىتەرلىك بولۇپ ،تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ياخشى بولسا،بىر قېتىمدىلا مەركەزلەشتۈرۈپ ئوغۇتلىسا بولىدۇ،ئىككىنچى قېتىملىق ئوتاشقا بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئوغۇتلىسا بولىدۇ.

 شال:شال كۆكىرىشكە باشلىغاندىن كىيىن ئازوتلۇق ئوغۇتغا بولغان تەلىپى تەدىرىجى ئاشىدۇ،تۈپلىنىش مەزگىلىدە ئىھتىياجى ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىدۇ .شالنىڭ بالدۇر تۈپلىنىشى ئۈچۈن بالدۇراق،تەكرار ئوغۇتلاش كېرەك.ئادەتتە مايسىنى تىكىپ يەتتە –ئون كۈنگىچە ھەرمو يەرگە ئون كىلوگىرام ئورىيا ئىشلىتىلسە ،باشاق چىقارغاندىن كىيىن يەنە15-20كىلوگىرامغىچە ئورىيا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

  ئاق قوناق:ئاق قوناق غول تارتقاندا ھەر مو يەرگە 8-12كىلوگىرامغىچەئورىيا ئىشلىتىپ ئوغۇتلاش كېرەك؛ باشاق تارتقاندا ئىككىنچى قېتىم ئوغۇتلاش كېرەك،ھەر مو يەرگە ئون كىلوگىرام ئورىيا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

يەر ياڭىقى:يەرياڭىقى مايسا چىقىرىپ 15كۈن ئەتىراپىدا گۈل بىخلىرى بۆلۈنۈپ،يىلتىز تۈگۈنى شەكىللىنىدۇ.تۈپى شاخلىغاندا بىر قېتىم ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش؛ھەرمويەرنى بەش-ئون كىلوگىرامغىچە ئورىيا بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.يەر ياڭىقى چىچەكلىگەندىن كىيىن توپا يۆلەشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ ،كۆپ مىكروئېلمېنىتلىق ئوغۇت پۈركۈگەندە قۇرۇق مىۋىلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ،يەر ياڭىقىنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  سېرىق پۇرچاق:سېرىق پۇرچاقنىڭ ئازوتقا بولغان ئىھتىياجى يۇقىرىراق بولۇپ ،ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا مۇددەتكە بۆلۈپ ئوغۇتلاش كېرەك.سېرىق پۇرچاقنىڭ دەسلەپكى چىچەكلەش مەزگىلىدەبىر قېتىم ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا چىچەك،مىۋە تۆكۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، توق دان تۇتقۇزۇپ ھوسۇللنى ئاشۇرغىنى بولىدۇ .ئادەتتە ھەر مويەرگە8-12كىلوگىرامغىچە ئورىيا ئىشلىتىلسە بولىدۇ .سېرىق پۇرچاقنىڭ غوزەكلەش مەزگىلىدە يوپۇرماق يۈزىگە بىر قېتىم كۆپ مىكرو ئېلمېنىتلىق ئوغۇت پۈركۈگەندە،ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

                                                                                                                                                                                     لى داگاڭ