باش بەت>تېرىقچىلىق

شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىش

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 10:56:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇخبىرى جوۋ لىڭ خەۋىرى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جاۋ جېنيۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ شورلۇق يەر كۆلىمى چوڭ، تىپى كۆپ، شور نىسبىتى يۇقىرى، شەكىللىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆز جايىدىكى تۇپراقنىڭ شورلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كونكرېت تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

تۇپرىقى ناچار شورلۇق يەرنى مىسالغا ئالساق، مەھەللىۋى ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش قاتارلىق دېھقانچىلىق تەدبىرى ئارقىلىق تۇپراقنى ياخشىلىسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئاددىي، بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈك، شەرتى چوقۇم سۇنى قاتتىق تىزگىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش، يەر ئاستى سۈيىنى بىخەتەر سۇ ئورنىدىن تۆۋەن تىزگىنلەش كېرەك. بېدە قاتارلىق يېشىل ئوغۇت قىلىنىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىش ئارقىلىق تۇپراقنى ياخشىلىسىمۇ بولىدۇ.

يەر ئاستى سۇ ئورنى تېيىز، شور ئۆرلەپ مايسا قۇرۇپ قالىدىغان يەرگە قارىتا جاۋ جېنيۇڭ مۇنداق دېدى: ئىنشائات ئارقىلىق سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش، زەيدان چېپىش بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇل، يەر ئاستى سۇ ئورنى بەك تېيىز بولسا، شور ئېقىتىش ئۈنۈمى ئاجىز بولىدۇ.

تۇپراق قېتىۋالغان تېرىلغۇ يەردە تېرىش قەۋىتىگە 10cm قېلىنلىقتا قۇم ئارىلاشتۇرسا بولىدۇ. قىرنى تۈزلەش تېخنىكىسى ۋە ماشىنا ئارقىلىق توسالغۇنى بۇزۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سۇ سىڭمەيدىغان توسالغۇ قەۋەت بار شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىپ، تۇپراقنىڭ فېتمېنت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ھەم تۇپراق ئوزۇقلۇقىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تېزلىتىپ، ياخشى تۇپراق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىقتا سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى دىڭ فېڭ مۇنداق دېدى: تەتقىقات ئورنىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان شورلۇق تۇپراقنى ياخشىلاش دورىسىنى بوز يەر، ئېغىر شورلۇق تۇپراق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك شورلۇق تۇپراق ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق شورلۇق يەرنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ دورا كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، بۇغداي، بېدە، كانىپۇرچاق، قىزىلچا ۋە قوغۇن ـ قاپاق تۈرىدىكى زىرائەتكە، مېۋىلىك دەرەخ ۋە ئىقتىسادىي ئورمانغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

شورلۇق يەرلەرگە قايسى زىرائەتنى تېرىسا بولىدۇ، دېگەن مەسىلىگە قارىتا دىڭ فېڭ مۇنداق دېدى: كۈزگى بۇغداي تېرىغاندا شورغا چىداملىق بۇغداي سورتى، مەسىلەن، «شىنجاڭ كۈزگىسى ـ 26»، «شىنجاڭ كۈزگىسى ـ 34» ۋە «شىنجاڭ كۈزگىسى ـ 74»نى تاللىسا بولىدۇ. كېۋەز ۋە كۆممىقوناقنىڭمۇ شورغا چىدامچان سورتىنى تاللاش كېرەك. باغ، ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بولسا، چىلان ياكى يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرسە بولىدۇ. ھويلا ـ ئارام ئىگىلكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈزۈم ئۆستۈرسە، مەسىلەن، ئاق كىشمىش ياكى مۇناقى ئۈزۈم ئۆستۈرسە بولىدۇ.

بەزى شورلۇق يەرگە تېرىلغان بۇغداي ۋە كۆممىقوناقنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا دىڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇنى پۈتۈنلەي شوردىن بولغان دېيىشكە بولمايدۇ، سورت (دېھقانلار ئۆزلىرى ئۇرۇقلۇق قالدۇرۇش ياكى سورت چېكىنىش)، باشقۇرۇش، ئوت-چۆپ، كېسەل، زىيانداش ھاشارات، ئۆستۈرۈش تەدبىرى جايىدا بولماسلىق، ئوغۇتلاش مىقدارى ۋە ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق، ۋاقتىدا سۇغارماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى بار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە سەييارە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ. مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېلەر يىللىق تەربىيەلەشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشدىكى كۆپىنچە مەسىلىلەر كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، ئۆز جايىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش زۆرۈر.