باش بەت>تارىخ

يوپۇرغىدىكى ياغاچ ئايۋان قەدىمىي شەھەر ئىزى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 18:30:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

سادىر سابىر نەزەرى

 

    ياغاچ ئايۋان قەدىمىي شەھەر ئىزى ـــ يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزا ئورگىنىنىڭ جەنۇبىدىن تۈز لىنىيە ئارىلىقى 13 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆز يەتكۈسىز قۇم بارىخانلىرى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ قەدىمىي شەھەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن.

    رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ شەھەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى ياغاچ بىلەن قوپۇرۇلغاچقا، 1940-يىللاردا بەزى كىشىلەر كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا شال قىلىپ چاسىلانغان ياغاچتا يېپىلغان ئۆيلەرنىڭ ئىزناسىنى كۆرگەن. شۇڭا كىشىلەر بۇ يەرنى «ياغاچ ئايۋان قەدىمىي شەھىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان، كىشىلەر بوران چىقىپ توختىغاندىن كېيىن، بۇ قەدىمىي شەھەرگە بېرىپ، بايلىق ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ جەرياندا، بەزى كىشىلەر بۇ يەردىن زىقچە ئالتۇن، ئۈچ پۇتلۇق داڭقان (بۇ داڭقان ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلانماقتا)، مىستىن ياسالغان كونا پۇل ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تېپىۋالغان.

    ياغاچ ئايۋان قەدىمىي شەھەر خارابىسى توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار. بۇ قەشقەر، يېڭىسار بىلەن يەكەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر چوڭ شەھەر بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇرۇش قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ قۇم بېسىپ كەتكەنمىش. بۇ يەردە ھازىرغىچە بىر نەچچە كونا قەبرىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم كولاپ بۇزۇۋەتكەن.

    مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدە، قەشقەر، يېڭىسار بىلەن يەكەن ئارىلىقىدا، «بۇغراقۇم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇملۇق ئۆتەڭ بار، دەپ يازغان. كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان بەزى رىۋايەتلەر ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرىدە ئىزاھلىنىشىغا ئاساسلانغاندا، «بۇغراقۇم» ئەينى ۋاقىتلاردىكى قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن ۋە بارچۇق (مارالبېشى)غا قاتنايدىغان يولنىڭ كېسىشكەن جايىدىكى يەنە بىر شەھەر بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇ قەدىمىي شەھەر ئىزى 1996-يىلى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.