باش بەت>تارىخ

قەشقەر شەھىرىنىڭ قاشقىسى — جانان كوچىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 19:59:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

 ئابدۇرېشىت مۇھەممەد

    قەشقەر شەھىرى تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى بىلەنلا ئەمەس، قەدىمكى كوچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەنمۇ داڭلىق. جانان كوچىسى قەشقەر شەھىرىدىكى 100نەچچە كوچىلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقراق كوچىنىڭ بىرى.

    جانان كوچىسى ھېيتگاھ جامەسى ئۆستەڭ بويى يولىنىڭ قىيپاچ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. كوچىنىڭ شىمال تەرىپى ئۆستەڭ بويى يولىدىن باشلىنىپ ئوتياش بازىرى يولىغا تۇتىشىدۇ. كوچىنىڭ ئىلگىرىكى ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر، كەڭلىكى تۆت مېتىر ئىدى. مىلادىيە 1701 – يىلى خۇدا يار بەگ دېگەن كىشى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئۆستەڭ بويى يولىدىكى دوقمۇشقا كارۋان سارىيى سالدۇرغان. كېيىنچە ساراينى چەت ئەللىكلەرنىڭ قونۇشى ئۈچۈن كېڭەيتكەن . بۇ سارايغا ھىندىستان، ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر كۆپلەپ چۈشكەن. ئۇ چاغدا بۇ سارايدا ھىندىستاننىڭ دورا – دەرمەكلىرى، ئۈنچە – مەرۋايىتلىرى، خوتەن قەغىزى، خوتەن، قاغىلىق، يەكەننىڭ ياڭاقلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار – دۇردۇنلىرى سېتىلاتتى. مىلادىيە 1787 – يىلى ئاتاقلىق باي ئوبۇلخەيرى بەگ جانان كوچىسىغا ئۆي سالدۇرۇپ، ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كوچىنىڭ نامى ‹‹باي كوچىسى›› دەپ ئاتالغان. بەقىسەم، سەگەز توقۇيدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلغان. جانان كوچىسىغا دەرۋازا بېكىتىلىپ دەرۋازىغا قارايدىغان مەخسۇس ئادەم، تازىلىق ئىشچىسى، ئائىلە خىزمەتچىلىرى سەپلەنگەن.

    جانان كوچىسىدىكى قۇرۇلۇشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى مۇجەسسەملەنگەن. 1830 – يىلى قەشقەرگە ئامبال بولغان زوردۇن ھاكىم قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ جانان كوچىسىغا كەلگەندە، كوچىنىڭ بېشىدىكى كارۋان سارىيى، قوناق سارىيى، ياڭاق سارىيى، مەسچىت، ئاشخانا، بەقسەم، سەگەز زاۋۇتلىرىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى، كوچىنىڭ ياپيېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ‹‹جانان چىنىدەك پاكىز كوچا ئىكەن، بۇ كوچىنىڭ نامىنى جانان كوچىسى دەپ ئاتىسا بولغىدەك›› دېگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كوچىنىڭ نامى ‹‹جانان كوچىسى››، دەپ ئاتالغان.