باش بەت>تارىخ

خانئۆي قەدىمكى شەھىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 20:06:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

  خانئۆي قەدىمىي شەھەر خارابىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، يەنى خانئۆي كەنتىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى1.9 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ (بۇ كۆلەم خانئۆي ئىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).


    خانئۆي قەدىمكى شەھىرى سېرىق توپىلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە 65 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سېپىل تېمىنىڭ بىر بۆلىكىلا ساق قالغان، تام ئۇلى ۋە ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ قالدۇق ئىزلىرى ھەمدە بۇ ئىزلاردا قارا رەڭلىك، قىزغۇچ رەڭلىك ساپال پارچلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. 1907 – يىلدىن 1983 – يىلغىچە چەتئەل ۋە ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىلىرى بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا كۆپ قېتىم تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ھەرقايسى دەۋرلەرگە مەنسۇپ تۆشۇكلۇك ۋە تۆشۇكسىز يارماق پۇللارنى، ھەر خىل رەڭدىكى ساپال پارچلىرىنى تاپقان ھەمدە بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ يىل دەۋرىنى مىلادىيىدىن ئىلگىركى5 – ئەسىردىن مىلادىيە 13 – ئەسىرگىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان .

    خانئۆي قەدىمكى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ‹‹ مورا بۇدا مۇنارى ›› بار. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ۋەيران بولۇشى خانئۆي قەدىمىي شەھىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ بۇددا مۇنارى ھېسابلىنىدۇ.