باش بەت>تارىخ

تاشقورغان قەدىمكى شەھىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 20:11:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

 تاشقورغان قەدىمكى شەھىرى ‹‹ تاش قەلئەل ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆكئارات قورۇلىنىڭ ئەسلىي ئورنى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى تاش تۆپىلىككە جايلاشقان. قەدىمكى شەھەر تۆپىلىككە يۆلەنگەن بولۇپ، جەنۇپ، شىمال، غەرپ ئۈچ تەرەپتىكى شەھەر سېپىلى ئاساسەن ياخشى ساقلىنىپ قالغان، شەرق تەرەپتىكى سېپىلنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان سارىقول نازارىتى چۈشكەن. شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلقى 1300 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر ئەتىراپىدا بولۇپ، شەھەر سېپىلى تاش ۋە توپا بىلەن قوپۇرۇلغان. شىمالىي ۋە غەربىي سېپىلىنىڭ سىرتىدا كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان يۆلەك تام قالدۇقىدىن 14 ى كۆرۈنىدۇ. شەھەرنىڭ تۆت بۇرجىكىدە راۋاق بار. قۇرۇلۇش ئىزلىرى ئاساسەن شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئېگىزرەك كەلگەن تۆپىلىك ئۈستىگە تارقالغان. ئۆي ئىزلىرى چاسا شەكىلدە بولۇپ، تاملىرى تاش بىلەن قوپۇرلغان، ئۆي ئىچىدە ئوچاق بار. بەزى ئۆيلەر تۆپىلىكنىڭ يەر شەكلىنىڭ ئېگىز – پەسلىكىگە بېقىپ ئارىلاش جايلاشقان. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ پارچىلىرى، ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى، تاڭ سۇلالىسى دەۋىردىكى چيەنيۇەن جۇڭباۋ يارمىقى، بۇددىزم ھەيكەللىرىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى. دەسلەپكى مەزگىلگە تەۋە يەر قاتلىمىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ كۆمۈرنىڭ كاربون 14 ئارقىلىق ئۆلچەنگەن يىلى بۇنىڭدىن 75 ± 1325يىل بۇرۇن بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۆكئارت قۇرۇلنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ، ‹‹ يېڭى تاڭنامە . جۇغراپىيە تەزكىرىسى ›› گە ئاساسلانغاندا، كەييۈەن يىللىرى تاڭ سۇلالىسى كاۋانتا بەگلىكىنى تىنچىتقاندىن كېيىن ئۇنى تەسىس قىلغان. ساقلانغان ئىزلار دەل بۇ تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ماس كېلىدۇ .