باش بەت>تارىخ

توققۇز ساراي قەدىمكى شەھىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 20:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

   توققۇز ساراي قەدىمكى شەھىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوتور ئايمىقىنىڭ ئەسلىي ئورنى بولۇپ، گيازدى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۇمشۇق تېغىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. جەنۇپ تەرىپى قىزىل دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. قەدىمكى شەھەر تاغقا يۆلەپ سېلىنغان، سەل ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلدە ۋە ئىچكىرىي تاشقىرىي ئۈچ قات بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، كۆپ ئورۇندا قۇرۇلۇشلارنىڭ قالدۇق ئۇلى بار. ‹‹ يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى ›› دە : ‹‹ گيازدى شەھىرى كۇسەن تەۋەسىدە، ئوتور ئايمىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئورنى قىزىل دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئوقۇ مازار تېغىدا ›› دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شەھەرنىڭ جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى بىلەن ماس كېلىدۇ. بۇ جايدىكى دەسلەپكى مەزگىلگە تەۋە يەر قاتىلمىدىن بەش جۇلۇق يارماق بىلەن بەش جۇلۇق يارماقنىڭ قېلىپى، قۇمۇش قەلەم، سۆڭەك نەي، چىگىت، ئارپا، پىلە غوزىسى، يىپەك يىپ باغلانغان سىرلانغان قۇتا، ساپال كومزەك قاتارلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى، سانسكرىتچە ھۆججەت، نۇرغۇن بۇددا، بۇدساتۋا ھەيكەللىرى، گۇل چىقىرىپ توقۇلغان پاختا رەخت، كىمخاپ، تۈز نۇسخىلىق كەشتە، ئادەم ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن مۆھۇر ۋە خەنزۇچە ھۆججەت قاتارلىق يادىكارلىقلار تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەر سەل كەمتۈك بولۇپ، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە ئېلىش ھۆججىتى، ھۆكۈمەت ھۆججەت – ئالاقىلىرى، خۇسۇسىي خەت – چەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلاردا ‹‹ قورۇل ›› ، ‹‹ يابغۇ ›› ، ‹‹ سانغۇن ›› قاتارلىق ناملار ئۇچرايدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە تەۋە مەدەنىيەت قاتلىمى قاراخانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە ئەرەبچە يېزىقتا پۈتۈلگەن ‹‹ بەگدىن مال – مۈلۈك ئىنئام قىلىشنى ئۆتۈنۈش نامىسى ››، ھەر خىل شەكىلدىكى مىس چۆگۈن، مىس چىراغ قاتارلىقلار تېپىلدى، ئۇلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن تاڭ، سۇڭ سۇلالىسىغىچە بولغان زامانلاردا مەزكۇر قەدىمكى شەھەردە كىشىلەر پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكى شەھەرنىڭ سەل جەنۇبىدا تۇمشۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى بار .