باش بەت>تارىخ

تۇمشۇق ساڭرامى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 20:47:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

   تۇمشۇق ساڭرامى جىن – تاڭ دەۋرلىرىگە تەۋە بۇددا ساڭرامى خارابىسى . مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ تەخمىنەن 40كىلومېتىر شەرقىدىكى تۇمشۇق تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، توققۇز ساراي قەدىمكى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ . مەزكۇر خارابىنىڭ كۆلىمى 7000 كىۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا . ئۇنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خارابىلىك بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ، 20 نەچچە ئېغىز ئۆي خارابىسى ، بىر بۇددا مۇنارىنىڭ ئۇلى ساقلىنىپ قالغان ؛ شەرقىي قىسمىدىكى خارابىلىكتە تەخمىنەن 14 ئېغىز ئۆي خارابىسى ساقلىنىپ قالغان . ئۇنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خارابىلىكتە چوڭ تىپتىكى بىر بۇددا ساڭرامىنىڭ خارابىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئالتە باسقۇچلۇق پەلەمپەيلا ساقلىنىپ قالغان . بۇ بۇددا ساڭرامى تەخمىنەن 4–ئەسىردە ياسالغان بولۇپ ، 7–، 8–ئەسىرلەرگىچە ساقلانغان . 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، فرانسىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى مەزكۇر خارابە بىلەن توققۇز ساراينى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ ، بۇ يەردىن چىققان ھەيكەل ، قەدىمكى ھۆججەت ، پۇل قاتارلىق 400 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن .