باش بەت>تارىخ

ئۈچبۇرھان بۇددا غارى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 20:50:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:


ئۈچبۇرھان بۇددا غارى 8–،4–ئەسىرلەردىكى سۇلې بەگلىكىنىڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى. قەشقەر شەھىرىنىڭ 18 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان. ئوتتۇرىدىكى غارنىڭ ئىككى تېمىغا ئايرىم – ئايرىم ئىشىك ئويۇش ئارقىلىق ئۈچ غار بىر گەۋدە قىلىپ تۇتاشتۇرۇلغان، غارلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئالدى – كەينى ھۇجرىلىق بولۇپ، ئالدى ھۇجرىنىڭ ئارقا تېمىدىن ئىشىك ئېچىپ كەينى ھۇجرىغا تۇتاشتۇرۇلغان. ئوتتۇرسىدىكى غارنىڭ كەينى ھۇجرىسىدىكى جەنۇبىي تېمىنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا تاشتىن ئويۇلغان ساكيامۇنى ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان، ھەيكەلنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 2.1 مېتىر كېلىدۇ. شەرقىي ۋە غەربىي غارنىڭ ئالدى ھۇجرىسىنىڭ ئىككى تېمىدا ئايرىم – ئايرىم بۇت تەكچىسى بار. غار ئىچىدە تام رەسىملىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان. شەرقىي تەرەپتىكى غارنىڭ ئالدى ئەگمە تورۇسنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى كۆكۈش رەڭلىك چاسا رامكا ئىچىگە يۇلتۇز، ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ رەسىملىرى، رامكىنىڭ چۆرىسىگە تۆت دانە يېرىم چەمبەر سىزىلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىغا ئاق نۇر ئايلاندۇرۇپ سىزىلغان. يېرىم چەمبەرنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغان بۇدتىن 14 ى سىزىلغان. كەينىدىكى ھۇجرىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تېمى، ئىشىك ماڭلاي ياغىچى بىلەن ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارغا بىردىن بۇددا، ئىككىدىن بۇدساتۋا سىزىلغان. ئوتتۇرا غارنىڭ ئالدى ھۇجرىسىنىڭ تېمىدا قويۇق رەڭ بىلەن سىزىلغان باش نۇرى، گەجگە نۇرى ۋە بەدەن نۇرى بار. تام رەسىملىرىگە رەڭ بېرىشتە سۇس رەڭ ئاساس قىلىنغان. رەسىملەرنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشى ئاددىي، ئۆزگىرىشى ئاز بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم تام رەسىملىرى ئۇسلۇبىغا ئىگە.