باش بەت>تارىخ

قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي كۆللەر

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-11 21:05:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

خۇدابەردى ئابدۇللا ، قەمبەرجان قابىل

   قىزىل ۋە تۈمەن دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان قەشقەر شەھىرىدىكى خەلق ئۇزاق يىللاردىن بۇيان كۆل سۈيى ئىچىپ كەلگەن. شەھەر تەرەققىي قىلىپ، ئاھالە كۆپىيىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئومۇملاشقاندىن كېيىن، قەشقەردىكى كۆللەر تىندۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، كىشىلەر كۆللەرنى ئەستىن چىقارغىنى يوق.

   ئىلگىرى قەشقەر شەھىرىدە ‹‹ھېيىتگاھ جامەسى كۆلى››، ‹‹يۇمىلاق شەھەر كۆلى››، ‹‹دوغا بەگ كۆلى››، ‹‹تۇرۇمتاي كۆلى» بار ئىدى. بۇ كۆللەرنىڭ چېپىلىش تارىخى، چوڭ – كىچىكلىكى پەرقلىق بولسىمۇ، بۇ كۆللەرگە قۇيۇلىدىغان سۇ شەھەرنىڭ غەربىدىكى شامالباغ يېزىسىدىن ئېقىپ كېلىدىغان ئۆستەڭ – ئېرىقلارنىڭ سۈيى ئىدى.

   ھېيتگاھ جامەسى ئىچىدىكى كۆل مىلادى 1450 – يىللىرى چېپىلغان. بۇ كۆلدىن ‹‹ئوردا ئالدى››، ‹‹خان بازىرى››، ‹‹تۆرە يارباغ››، ‹‹ئەنجان رەستە››، ‹‹ئەنجان كوچا››، ‹‹خوجا ئەررار ئاخۇنۇم كوچىسى››، ‹‹داموللا ھاجىم كوچىسى››، ‹‹ئېگىز ئېرىق مەھەللىسى››، ‹‹جانان كوچىسى››، ‹‹گوداڭ كوچىسى›› دىكى ئاھالىلەر سۇ ئىچەتتى.

   يۇمىلاق شەھەر كۆلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قەشقەردىكى ھېكىمبېگى – زوردۇن ھېكىمبەگ قەشقەردە ھوقۇق تۇتقان (1839 – يىللىرى) مەزگىلدە قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش جەريانىدا سېپىل تام سوققاندا توپا ئېلىپ چوڭقۇر ئويۇلغان جاي ئىدى. ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بۇ چوڭقۇرلۇقنى كولاپ سۇ تولدۇرۇپ ئىچەتتى. بۇ كۆلنىڭ كۆلىمى تۆت مو، چوڭقۇرلۇقى تۆت يېرىم مېتىركېلىدۇ. بۇ كۆلدىن ‹‹باغ كوچا››، ‹‹سېپىل تۈۋى مەھەللىسى››، ‹‹تاغارچى كوچىسى››، ‹‹چەكمەنچى كوچىسى››، ‹‹ئۆستەڭ بويى مەھەللىسى››، ‹‹چىنەباغ مەھەللىسى››، ‹‹ئارتۇش مەھەللىسى›› ئاھالىلىرى پايدىلىنىدۇ. 1898 – يىللىرى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى ئۆزىگە ئوردا سالدۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئورنىغا يۇمىلاق شەكىلدە سېپىل تام سوقتۇرۇپ قەلئە ياساتقان. بۇ قەلئەنىڭ شەرق تەرىپىدە بىر دەرۋازا بار ئىدى. بۇ دەرۋازىنى كىشىلەر ‹‹يۇمىلاق شەھەر دەرۋازىسى››، دەرۋازا يېنىدىكى كۆلنى ‹‹يۇمىلاق شەھەر كۆلى›› دەپ ئاتىغان.

   خوجام كۆلى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ كۆلگە پايناپ ئۆستىڭىدىن سۇ قاچىلىناتتى. قۇم دەرۋازا كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدىكى ‹‹تاش بازىرى››، ‹‹توخۇ بازىرى››، ‹‹ياغاچ بازىرى›› ۋە شۇ ئەتراپتىكى دەڭ – ساراي، ئىدارە – ئورگان كىشىلىرى بۇ كۆلدىن سۇ ئىچەتتى. قەشقەر شەھىرىدىكى ئىشانلار مەزھىپىنىڭ پېشىۋاسى ‹‹ئىگەچى ئىشان پىرىم›› دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى تايخان غوجام مەسچىت سېلىش ئۈچۈن ئۆزى باش بولۇپ كۆل كولاتقان، كېيىنچە بۇ كۆل ‹‹غوجام كۆل›› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.

   دورغا بەگ كۆلىدىن ‹‹ئارقا ئوردا مەھەللىسى››، ‹‹قوناق بازىرى››، ‹‹ياغ بازىرى››، ‹‹كېپەك بازىرى››، ‹‹زەيكەش››، ‹‹يىلقا كوچىسى››، ‹‹يامۇل ئالدى›› قاتارلىق كوچا – مەھەللە ئاھالىلىرى پايدىلىناتتى. بۇ كۆلنىڭ دورغا بەگ دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشىغا كەلسەك، بارىس ئاخۇن ئىسىملىك (بارىس بەگ) كىشى مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ، سۇ ئالغىلى كەلگەنلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئامبالنىڭ دورغىسىغا ئوخشىتىپ بۇ كۆلنى ‹‹ دورغا بەگ كۆلى ›› دەپ ئاتىغان.

   تۇرۇمتاي كۆلى قەشقەر شەھىرى قۇم دەرۋازا كوچا ئىش باشقارمىسى قاسقان بازىرى ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى ئارقا ئوردا يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان ئۈچ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مەھەللىۋى كۆلدىن ‹‹غەزنىچى بەگ مەھەللىسى››، ‹‹قاسقان بازىرى كوچىسى››، ‹‹موپاڭ مەھەللىسى››، ‹‹قۇرۇقتېرەك مەھەللىسى››، ‹‹دەڭ كوچا›› ئاھالىلىرى پايدىلىناتتى. تارىخچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۇرۇمتاي كۆلى 300 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانى ئابلاخان تۆرىنىڭ نايىپى يولۋاسخاننىڭ ۋەزىر – بەگلىرىدىن بولغان قىرغىز تۇرۇمتاي بەگ ئۆزىگە ئايۋان – ساراي سالدۇرغاندا كولاتقانلىقى ئۈچۈن ‹‹تۇرۇمتاي كۆلى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.