باش بەت>تارىخ

قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل-دەرۋازىلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-12 20:19:00 مەنبە:شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

قەمەرجان قابىل

    قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە تۇتقان ئورنى ۋە نامى ھەرخىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەرنىڭ كۆلىمى، سېپىل دەرۋازىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامىمۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى. قەشقەر شەھىرى بىنا بولغان 1000 نەچچە يىلدىن بۇيان، «كۈيبالىق»، «ئوردا كەنت»، «سۇلى»، «كاشىغەر»، «قەشقەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. شەھەر «ئىچكىرىدىكى شەھەر»، «تاشقىرىقى شەھەر»، «يۇمىلاق شەھەر»دىن ئىبارەت 3 بۆلەككە بۆلۈنگەنىدى.

    قەشقەر شەھىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە تارىم ۋادىسىدىكى بۈيۈك كارۋان يولى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا تېرىقچىلىق، توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇددىست ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەر سۈيى ئەلۋەك، مۇداپىئەلىنىشكە ئەپلىك گۈزەل بوستانلىق بولۇپ، ئاۋات بازىرى بار قەدىمى ماكان ئىدى.

    مىلادى 893- يىلى چاقماق دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانئۆينى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇتۇق بۇغراخان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنىنى پايتەخت قىلىشقا تاللىغان ۋە بۇلاق بېشى دېگەن جاينىڭ جەنۇبىدىكى دۆڭلۈكتە ئوردا قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينى مەركەز قىلىپ ئوردىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھازىرقى خام بازىرى (ئوردا ئالدى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بەشئېرىق مەھەللىسى)نى، شەرقتە ئاۋراڭقاي مەھەللىسى، ھاكىم ئاغىچام كوچىسىنى، شىمالدا جاڭقورغان مەھەللىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 4-5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەر بىنا قىلغان. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوردا كەنت دەپ ئاتىغان. ئوردا كەنت دەپ ئاتالغان بۇ شەھەرنىڭ غەرب، شەرق، شىمال، جەنۇب تەرەپلىرىدىن تۆت دەرۋازا ئېچىلغان، بۇ دەرۋازىلار ئوردا ئىشىكى، قاراقىر دەرۋازىسى، سۇ دەرۋازىسى ۋە توققۇز، ئاق دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. تۆۋەندە مەن دەرۋازا نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.

    ئوردا ئىشىكى

    بۇ دەرۋازا ئوردىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە يەنى ئاۋراڭقاي، ھاكىم ئاغىچام كوچىلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان مەركىزىي ئېغىزغا جايلاشقان، ئەينى چاغدا بۇ دەرۋازىدىن، ئاساسەن، ئەمەلدارلار ۋە ئوردا لەشكەرلىرى كىرىپ-چىقاتتى، شۇڭا بۇ دەرۋازا ئوردا ئىشىكى دەپ ئاتالغان، كېيىنكى چاغلاردا كونا دەرۋازا دەپمۇ ئاتالغان. ئەينى چاغدىكى كونا ئوردىدىن ئارا ئوردىغا (جاڭقورغان تەرەپكە) چىقىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، بۇ ئىشىكمۇ ئوردا ئىشىكى دەپ ئاتالغان، بۇ ئىشىك ھازىرقى ئوردا ئىشىكى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە چاپان بازىرى مەسچىتىنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدۇ.

    قاراقىر دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا قەشقەر شەھىرىنىڭ (ئەينى ۋاقىتتىكى شەھەرنىڭ) جەنۇب تەرىپىگە يەنى ھازىرقى چاقسا كوچا ئىش باشقارمىسى ساقىيە ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەسىدىكى كەتمەن بازىرى مەھەللىسىگە جايلاشقان، بۇ دەرۋازىنىڭ قاراقىر دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قېچىچا، ئاراباغ، بارىن قاتارلىق كەنتلىرى ئەينى چاغدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قاراقىر يېزىسى دەپ ئاتىلاتتى، شۇڭا شەھەرنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى ئۆزىنىڭ يۇقىرىسىدىكى قاراقىر يېزىسىنىڭ نامى بىلەن قاراقىر دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. بەزى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە پېشقەدەم تارىخشۇناسلارنىڭ دەلىللەشلىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىقنىڭ ئىچكى قوغداش خادىملىرى مۇشۇ دەرۋازا ئارقىلىق يېڭىشەھەر تەۋەسىگە چىقىپ مەشىق قىلىپ يەنە مۇشۇ دەرۋازىدىن قايتىپ كىرىدىغان بولغاچقا، قارىغا ئاتىدىغانلار كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازا دەپ ئاتالغان، كېيىن ئۇ قىسقىراپ قاراقىر دەرۋازىسى بولۇپ قالغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنىمۇ ئۆزگىرىپ، جانلىق تىلدا قاراقى دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ دەرۋازا تاقىۋېتىلگەن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا يەنە ئېچىۋېتىلگەن. ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېنىدىكى چاقسا كوچا ئىش باشقارمىسىغا بارىدىغان يول ئېغىزى ھازىرمۇ قاراقىر دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

    سۇ دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىگە يەنى ھازىرقى ئوردا ئىشىكى مەھەللىسى زىلچا كوچىسى ئېغىزىغا جايلاشقان، ئوردا خادىملىرىغا كېرەكلىك سۇ مۇشۇ دەرۋازا ئارقىلىق توشۇلاتتى. شۇڭا بۇ دەرۋازىنىڭ نامى سۇ دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان، بۇ نام ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

    توققۇزئاق دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىگە يەنى ھازىرقى خام بازىرى دېگەن جايغا جايلاشقان. ئەينى چاغدا بۇ دەرۋازىنىڭ سىرتىدا، ئاساسەن، يېزا ۋە بىر نەچچە دەڭ-ساراي بار ئىدى. توققۇزئاق (ھازىرقى قەشقەر كونىشەھەر) تەۋەسىدىكى خەلق سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ۋە خانلىققا باج، ئالۋان-ياساق تۆلەشتە شەھەرگە مۇشۇ دەرۋازىدىن كىرەتتى ھەمدە مۇشۇ يەردىكى دەڭ-سارايلاردا قوناتتى. شۇڭا بۇ دەرۋازىنىڭ نامى توققۇزئاق دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. كېيىنچە جانلىق تىلدا توققۇزاق دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

    زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا (1839- يىلى) شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بۇلاق بېشى مەھەللىسى، شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى قازانچى، يار بېشى مەھەللىلىرى، جەنۇب تەرىپىدىكى بورىچى كوچىسى، شامچى كوچىسى، كېپەك بازىرى كوچىسى، غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى قۇم دەرۋازا ئىش باشقارمىسىنىڭ چەكمەنچى كوچىسى، ئاتۇش مەھەللىسى، غەربىدىكى نوربېشى كوچىسى، شىمال تەرىپىدىكى يارباغ كوچىسى ئىش باشقارمىسىنىڭ جاڭقورغان، تۈرەيارباغ ئاھالىلەر كومىتېتلىرى قاتارلىق جايلار دائىرە ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ 12 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما سېپىل سوقۇلۇپ شەھەر كېڭەيتىلگەن ھەمدە ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان، ئۈستىدە ۋە ئىككى تەرىپىدە قاراۋۇلخانىسى بار ئەگمە شەكىللىك ئىككى دەرۋازا قويۇلغان، بۇ دەرۋازىلار يارباغ دەرۋازىسى ۋە قۇم دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قەشقەر شەھىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن قىسمى تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان.

    يارباغ دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا ئەنجان كوچىسىنىڭ شىمالىي ئېغىزىغا يەنى تۈمەن دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى يارلىققا جايلاشقان. بۇ دەرۋازىنىڭ يارباغ دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب مۇنداق: ھازىرقى تۈرەيارباغ ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەسىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى قازىخانىسىنىڭ قازىلىرىدىن تۇردۇش قازى ئاخۇنۇم قاتارلىق بىر نەچچە كىشىنىڭ ھەشەمەتلىك بېغى بار ئىدى. بۇ باغنىڭ ئىگىلىرى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگدىن نارازى بولۇپ، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئۈستىدىن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئۆز ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شەھەر سېپىلىنى ئۇلارنىڭ بېغىنىڭ ئوتتۇرىسى بىلەن سوقتۇرغان. بۇ باغلار سېپىل سوقۇش ئۈچۈن توپا ئېلىش تۈپەيلىدىن يارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ يەرگە قويۇلغان دەرۋازىنىڭ نامى يارباغ دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. ھازىرقى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ نامى يارباغ دەرۋازىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ.

    قۇم دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا تاشقىرىقى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى سۈت-قايماق كوچىسى يېنىغا جايلاشقان. ئەينى چاغدا شەھەرنىڭ ھازىرقى ئۆستەڭبويى كوچىسى بار جايدا غەربتىن شەرققە قاراپ قۇم ئارىلاش قىزىل سۇ ئاقاتتى. ئۆستەڭ چاپقاندا چىقىرىلىدىغان قۇم داۋاملىق دەرۋازا يېنىغا دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر بۇ دەرۋازىنى قۇم دەرۋازىسى دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ نامى مۇشۇ دەرۋازىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

    تۆشۈك دەرۋازىسى

    بۇ دەرۋازا شەھەر 2- قېتىم كېڭەيتىلگەندە قويۇلغان. ئەسلى بۇ جايدا دەرۋازا يوق ئىدى. شەھەرگە كىرىدىغان ئامما زوھۇرىدىن بەگكە شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىنمۇ بىر دەرۋازا ئېچىپ بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. بۇ ئىلتىماسنى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئوردا كاتىپى تالانتلىق شائىر ئابدۇرىھىم نىزارى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە ئىلتىماستىكى تەلەپنى يوللۇق دەپ قاراپ، بەگكە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. بەگ بۇ تەكلىپنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، سېپىلنى تەشتۈرۈپ دەرۋازا ئاچتۇرغان، دەرۋازا پۈتكۈچە خەلق ئاشۇ تۆشۈك ئارقىلىق شەھەرگە كىرىپ-چىقىپ تۇرغان، شۇڭا بۇ دەرۋازا تۆشۈك دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان، بۇ دەرۋازا ئەتراپى ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

    1898- يىلى مانجۇ ئەمەلدارى لۈيجى دارېن قەشقەر شەھىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە ئۆزى تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس قەلئە سالدۇرغان، بۇ قەلئەنىڭ ئەتراپىغا ئايلانما سېپىل سوقتۇرغان، بۇ سېپىل يۇمىلاق بولغاچقا، كىشىلەر بۇ قەلئەنى يۇمىلاق شەھەر دەپ ئاتىغان. قەلئەنىڭ شەرق تەرىپىدىن قويۇلغان دەرۋازا يۇمىلاق شەھەر دەرۋازىسى، غەرب تەرىپىدىن قويۇلغان دەرۋازا يېڭى دەرۋازا دەپ ئاتالغان. بۇ دەرۋازىلارمۇ شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى باردى-كەلدى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. 30- يىللاردا مەھمۇت مۇھىتى(مەھمۇت سىجاڭ) قوماندانلىقىدىكى 6- دېۋىزىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشقاندا، يۇمىلاق شەھەر دەرۋازىسىدىن پۇقرالارنىڭ كىرىپ-چىقىشى مەنئى قىلىنغان ۋە يۇمىلاق شەھەرنىڭ شىمالىدىن بىر دەرۋازا ئېچىلغان. بۇ دەرۋازا يېڭى ئاچقان دەرۋازا ياكى نور بېشى دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. بۇ دەرۋازا ھازىرقى نور بېشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېنىدا ئىدى.

    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دەرۋازىلار ئەينى چاغدا ھۆكۈم سۈرگەن ئىستىبدات ھۆكۈمران-ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. دەرۋازىنىڭ ئېچىلىش-تاقىلىش ۋاقتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەلگىلەيتتى. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېيىن قالغان كىشىلەر دەرۋازىدىن كىرەلمەيتتى ياكى چىقالمايتتى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن جەرىمانە ئېلىناتتى ھەتتا ئۇلار دەرۋازا يېنىدىكى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە سولاپ قويۇلاتتى. بۇ ئىش تاكى ئازادلىققا قەدەر داۋاملاشتى.

    1953- يىلى خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر خەلقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دەرۋازىلارنى ئېلىپ تاشلاپ، سېپىللارنى چېقىشقا باشلىدى، 1960- يىللارغا كەلگەندە قەشقەر شەھىرىنى ئوراپ تۇرغان ئايلانما سېپىل ئاساسەن تۈگىدى، سېپىل ئورنىغا ھەر خىل قۇرۇلۇشلار، زامانىۋى بىنالار سېلىندى.