باش بەت>تارىخ

قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان ئالتۇن ، كۈمۈش ، مىس ۋە قەغەز پۇللار

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-11 16:06:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

مۇھەممەد تۇراپ

 

    قەشقەر — قاشتېشى مەركەزلەشكەن جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يازما خاتىرىلەر قالدۇرۇلۇۋاتقىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقان، چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان — قەشقەر خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىگىچە بولغان زامانلاردا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خەلقئارالىق بازارغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي بىرقەدەم راۋاجلانغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، قەشقەردە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە يەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللار قۇيۇلۇپ، سودا – سېتىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن.

   بىرىنچى، قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان ئالتۇن پۇللار

   قەشقەر قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، شەرق ۋە غەرب پۇللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، خەلق كېسەك ئالتۇن ئىشلىتىشكە ئالاھىدە قىزىققان. جۇڭخۇا مىنگونىڭ 28–يىلى (1939–يىلى) شىنجاڭدا ئالتۇن – كۈمۈشنى ئوبوروت قىلىش مەنئىي قىلىنىشتىن بۇرۇن، قەشقەر بازارلىرىدا كېسەك ئالتۇن ئىشلىتىلگەن. ئالتۇن پۇلنىڭ قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان ۋە ئوبوروت قىلىنغان ۋاقتىنى قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. قاراخانىيلار خانلىقى 10–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلىدە قۇرۇلۇپ، قەشقەرنى پايتەخت قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى خانلار ئالتۇندىن پۇل قۇيۇپ، ئوبوروت قىلغان. 13–ئەسىردە قورغاس ناھىيەسىدىكى ئالمالىقنى مەركەز قىلغان چاغاتاي خانلىقى قەشقەر قاتارلىق ئۈچ جايدا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى قۇيۇپ، ئوبوروت قىلىپ، ئاشۇ زامانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرغان . 16–ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يەكەن خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ئۆزىنىڭ نامىدا ئالتۇن پۇللارنى قۇيغۇزۇپ ئوبوروت قىلىغان. بۇ خىل ئالتۇن پۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كۆپلەپ قېزىۋېلىندى. 19–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى مۇھەممەد ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەرنى ئىگىلەپ، قەشقەردە ئۆزىنىڭ نامىدا ئالتۇن، كۈمۈش پۇل ۋە مىس پۇللارنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان. قەشقەر تارىخىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن كەڭ كۆلەملىك سودا ئالاقىسى قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتۇن رۇبلى ۋە قوقەند خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇللىرى قاتارلىق چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن پۇللىرى قەشقەردە ئوبوروت قىلىنغان.   

   ئىككىنچى، قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان كۈمۈش پۇللار

    قاراخانىيلار خانلىقى، يەكەن خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار ۋە مۇھەممەد ياقۇپبەگ كۈمۈشتىن پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان بولۇپ ، تەڭگە دەپ ئاتالغان. غالدانسىرىن جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە كۈمۈشتىن پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان. يېقىنقى زاماندا قەشقەردە قۇيۇلغان كۈمۈش پۇللارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۈمۈش پۇللىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇل قۇيۇلغان جايلار ئاساسەن قەشقەر، يەكەن، يېڭىساردىن ئىبارەت بولۇپ، قەشقەردە قۇيۇلغىنى ئەڭ كۆپ. 1877–يىلى چىڭ سۇلالىسى مۇھەممەد ياقۇپبەگنى يوقىتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر خەلقى ياقۇپبەگ تەڭگىسىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەچكە، نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگىلەر تەقلىد قىلىپ ياسالغان، بۇ خىل كۈمۈش تەڭگىلەر ئادەتتە بىر مىسقاللىق تەڭگىلەر ۋە بەش پۇڭلۇق تەڭگىلەر دەپ ئايرىلغان. 1889– يىلىدىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئارقا – ئارقىدىن كۈمۈش تەڭگىلەرنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭمۇ كۈمۈش تەڭگە قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان. بۇ ۋاقىتتا قەشقەردە قۇيۇلغان كۈمۈش تەڭگىلەر ئەرەب ئۇسلۇبىغا مايىل بولۇپ، 1939–يىلى شىڭ شىسەي پۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، تەڭگە ئىشلىتىش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان.

   ئۈچىنچى، قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان مىس پۇللار

   قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان مىس پۇللار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تۈرى، تۆشۈكسىز مىس پۇللار بولۇپ، قاراخانيىلار خانلىقى شەكلى يۇمىلاق، تۆشۈكى يوق، ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن مىس پۇللارنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان. قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ مىس پۇللىرى شەكلى يۇمىلاق، تۆشۈكى يوق بولۇپ، چاغاتاي كونا ئۇيغۇر يېزىقى چۈشۈرۈلگەن. جۇڭغار خانلىقىنىڭ پۇل شەكلى شاپتۇل مېغىزىنىڭ شەكلىدە بولۇپ، بەك قېلىن، بۇ پۇلارغا موڭغۇل يېزىقى ۋە چاغاتاي يېزىقى چۈشۈرۈلگەن، يالغۇز چاغاتاي يېزىقى چۈشۈرۈلگەنلىرىمۇ بار. ئىككىنچى تۈرى،  چاسا تۆشۈكلۈك مىس پۇللار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 25–يىلى (1760–يىلى) يەكەن پۇل قۇيۇش ئىدارىسى مىس داچەن قۇيۇپ، يەكەن، قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئوبوروت قىلىپ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى يىغىۋالغان. قەشقەر پۇل قۇيۇش ئىدارىسى گۇاڭشۈنىڭ 15–يىلى (1889–يىلى) مىس يارماق قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان. بۇ مەزگىللەردە ئاقسۇ، كۇچا پۇل قۇيۇش ئىدارىسى قەشقەر ئۈچۈن پۇل قۇيۇپ بەرگەن. ئۈچىنچى تۈرى، مىس يارماقلار بولۇپ، 1912–يىلدىن باشلاپ قۇيۇلغان، گاھىدا قۇيۇش ئىشى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئوبوروت قىلىنغان. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 23 يىل داۋامىدا ئۈچ قېتىم پۇل قۇيۇش ئىشى توختاپ قالغان بولۇپ، 12 يىل پۇل قۇيۇپ تارقاتقان.

   تۆتىنچى، قەشقەر تارىخىدا بېسىپ تارقىتىلغان قەغەز پۇللار

   قەشقەر تارىخىدا بېسىپ تارقىتىلغان قەغەز پۇللار — گۇاڭشۈنىڭ 14–يىلى (1888–يىلى)دىن باشلاپ، مىنگونىڭ 23–يىلىغىچە ( 1934–يىلى ) غىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، 46 يىل بېسىلغان بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئۆزىدە بېسىلغان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى ۋاكالىتەن بېسىپ بەرگەنلىرىمۇ بار. بۇ قەغەز پۇللار قەشقەر ۋە خوتەندە ئوبوروت قىلىنغان. 

   دېمەك، قەشقەر تارىخىدا قۇيۇلغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ۋە قەغەز پۇللار — شىنجاڭ پۇللىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، قەدىمكى زاماندىن باشلاپ سودا – سېتىق راۋاجلانغان قەشقەردە ئوبوروت قىلىنىپ، قەشقەرنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.