باش بەت>ساياھەتچىلىك

يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ‹‹داۋان››دىن ھالقىدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-04 13:32:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:

 

 ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر ‹‹جەلپكار يوپۇغا، سېھىرلىك داۋا كۆل›› ساياھەت پائالىيىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلىغانلىقتىن، بۇلتۇرقى ساياھەتچىلىك كىرىمى 128 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014 – يىلىدىكىدىن %213 ئاشتى.

   بۇ ناھىيە بۇلتۇر داۋا كۆل سەيلىگاھىنىڭ ‹‹دۆلەت AAAA دەرىجىلىك قۇملۇق مەنزىرە سەيلىگاھى، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ساياھىتى ئۈلگە نۇقتىسى››؛ تېرىم بازىرى ماشئېڭىز كەنتىنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت كەنتى›› دېگەن ساياھەت ماركىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە تەبىئىي ئەۋزەللىك، خاسلىققا ئىگە ئۆرپ – ئادەت، يېمەكلىك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى. ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەتلەرنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلىرىغا تەشۋىقات تاختىسى ئورنىتىپ، تەشۋىقاتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. نەتىجىدە بۇلتۇر ئېلىمىز ئىچى، سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 320 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، 2014 – يىلىدىكىدىن %256 ئاشتى.