باش بەت>ساياھەتچىلىك

قەشقەر شەھىرى ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتنى يولغا قويدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-08 17:06:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 30- كۈنى ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر كوچىسىدا شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى. 

   تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئادىلجان ئابدۇقادىر خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرى «بىر مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، بىر شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، بىر جاينى مەدەنىيلەشتۈرۈپ، ئاۋامنى باي قىلىش» نىشانىغا ئاساسەن، شەھەر بويىچە ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتنى يولغا قويۇپ، قەدىمىي شەھەرنى مەركەز قىلغان شەھەر بويىچە 11 يېزا (بازار)دا ساياھەت بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، 74 خىل مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرىنى يولغا قويدى.