باش بەت>ساياھەتچىلىك

پوسكام ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 40 مىليون يۈەنگە يەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-15 18:43:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ساياھەتچىلەر «ئالتۇن توغراق» ئورمان باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.             

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت تەشكىللەش، ھەممە ئورتاق تىرىشىش شوئارى ئاستىدا جۇڭگو پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئورمان ساياھەت باغچىسى، چىنار ئېكولوگىيەلىك باغچىسى، ناھىيەلىك خەلق مەيدانى قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگەچكە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 250 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم 40 مىليون يۈەنگە يەتتى.