باش بەت>ساياھەتچىلىك

ئالدىنقى يېرىم يىلدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-16 12:58:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


سۈرەتتە: چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھىرى ئوردا ئالدى بازىرىدا ساياھەت قىلماقتا.

    مۇخبىرلىرىمىز دىلشات مۇھەممەترىشات، ئاينۇر ئابدۇغېنى خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل ۋىلايىتىمىز ساياھەتچىلىكنى بىر تۈرلۈك تۈۋرۈكلۈك كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تەبىئىي مەنزىرە ساياھەتچىلىكى، تارىخىي ئىتنوگرافىيە ساياھەتچىلىكى، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى، ئىنقىلابىي ساياھەتچىلىك، ئىستىراھەت، ئارام ئېلىش ساياھەتچىلىكى» دىن ئىبارەت ساياھەت كەسپىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

     ۋىلايىتىمىز مەركەزنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر) لەرنىڭ ياردىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، مۇھىت ئاسراش» تىن ئىبارەت قۇرۇلۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ ۋىلايىتىمىزنىڭ يىپەك يولىدىكى ئۆتەڭ بولۇشتەك ئالاھىدە ئېتنوگرافىك، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «چوڭ بازار قۇرۇلۇشى، چوڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ ئوبوروتنى جانلاندۇرۇش» تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، ئالاھىدىلىكى روشەن، مەزمۇنى مول، دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سەرخىل مەنزىرە رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى ئىككىگە،AAAA  دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى ئالتىگە،AAA  دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى 20 گە يەتكۈزدى ھەمدە بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، مىللىيچە تائام، مىللىيچە مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىي ئائىلىلىرىنى كۆپەيتتى؛ يېزا، كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېزا، كەنت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، مىللىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى»نى كۆپەيتتى؛ ساياھەتچىلەر قىزىقىدىغان تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزدە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بېرىشقا ئەرزىيدىغان 10 ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، ئەڭ تېتىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان 10 خىل ئېسىل تاماق ۋە 10 خىل مېۋە-چېۋە، ئەڭ بېرىشقا ئەرزىيدىغان 10 «دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى» ياكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا،  ئەڭ ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان 10 خىل قەشقەر مەھسۇلاتى بولۇشتىن ئىبارەت «بەش 10 بولۇش» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. نەتىجىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايىتىمىزگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 2 مىليون 965 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم  2 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18 ۋە %13.7 ئاشقان.