باش بەت>ساياھەتچىلىك

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدە «بەش 10» باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-16 18:29:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

   يېتەكچى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىخېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ چېڭشۆ خەۋىرى: ۋىلايىتىمىز ساياھەتچىلىك ساھەسىدە 7-ئايدا «بەش 10» باھالاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، پائالىيەتكە تىزىملىتىش ئاخىرلىشىپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە توردا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   ساياھەتچىلىك ساھەسىدە «بەش 10» باھالاش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بېرىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان 10 جاي (مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى)، تېتىپ بېقىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان 10 خىل ئېسىل تائام، تەمى تىلدا قالىدىغان 10 خىل مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، سېتىۋېلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان 10 خىل ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، بېرىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان 10 مېھمانساراي (ساياھەت كوپىراتىپى ياكى دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى) نى باھالاپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتىنى ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ۋىلايەتلىك ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى ۋە قەشقەر «جىخۈي» ساياھەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىكى 12 ناھىيە (شەھەر) ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشكەن، پائالىيەتتىن مەقسەت، باھالاش پائالىيىتى ئارقىلىق قەشقەر ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە داڭقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تاللىشى ئارقىلىق، 19 ساياھەت مەنزىرە رايونى، 15 مېھمانساراي، 30 نەچچە ساياھەت مەھسۇلاتى قاتارلىقلار شەرتكە ئۇيغۇن بولۇپ، توردا بېلەت تاشلاش ھالقىسىغا قەدەم قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، «يىن رۈيلىن» خەلقئارا مېھمانسارىيى، پەيزاۋات قوغۇنى قاتارلىقلار بار. 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە كەڭ تورداشلار ۋە ساياھەت ھەۋەسكارلىرى قەشقەر «جىخۈي» ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت تاشلاش پائالىيتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

   توردا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېلەت سانى ئالدىنقى 10 ئورۇندا بولغان مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي، دېھقانلار ئائىلە شادلىقى ئارامگاھى، ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار مۇتەخەسسىسلەر باھالاش باسقۇچىغا كىرىدۇ. باھالاش پائالىيىتى مەزگىلىدە ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغۇچى تەرەپلەر 100 تورداشنى تاللاپ، 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەنزىرە رايونى نۇقتىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى ياكى يۈرۈشلۈك بېلەت سوۋغا قىلىدۇ، بېلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى سوۋغاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.