باش بەت>ساياھەتچىلىك

يەكەن ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-22 17:16:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 ئابلىكىم مۇھەممەت

   يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ . ئالتۇن مازار ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرق تەرىپىدە بولۇپ، 1533 – يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىنغاچقا، دەھمى شاھان (پادىشاھلار قەبرىستانلىقى)، ئالتۇنلىرىم دەپ ئاتالغان. بۇ مازارغا سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن سۇلتان ئابدۇرىشىتخان، ئابدۇكېرەمخان قاتارلىق ئون نەچچە پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىرە خانىش ئاماننىساخان، قىدىرخانلار دەپنە قىلىنغان.

   ئالتۇن مازار ياسىلىشى ۋە نەقىش بېزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، 1990 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <<ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> قىلىپ بېكىتىلگەن. 1992 – يىلى 9 – ئايدا خانىش ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى ۋە ھەيكىلى قايتا ياسالغان. 2006 – يىلى 6 – ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن <<دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> قىلىپ بېكىتىلگەن.

   يەكەن جامەسى 1640 – يىللىرى ياسالغان. بۇ جامە ناھىيە بويىچە چوڭ ھەم كاتتا مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1990 – يىلى 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، << ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى >>قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

   يەكەن جامەسى ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ، دەرۋازىسىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، مەسچىتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئىشلەنگەن ھەرخىل ئويما نەقىشلەر، مەسچىت ئۈستىنىڭ يېپىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە خا – جەگىلەرگە سېزىلغان 100 خىلدىن ئارتۇق كۆركەم گۈل نۇسخىلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

   ئازنە مەسچىت ئۇلۇغ مەسچىت ياكى 40 گۈمبەز، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەسچىت 1460 – يىللىرى ياسالغان، ناھىيە بويىچە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەسچىتلەرنىڭ بىرىدۇر.

   ئازنە مەسچىت ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدىكى نامايەندە خارەكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، 1984 – يىلى <<ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> قىلىپ بىكىتىلگەن.

   باي دۆۋە دۆڭلىكى يەكەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى ئارال يېزىسىنىڭ كۆكقۇم كەنتىدە بولۇپ، دۆڭلۈكنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. دۆڭلۈك يەر يۈزىدىن 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۇمۇلاق شەكىللىك توپا دۆۋىسىدىن ھاسىل قىلىنغان. دۆڭنىڭ يانتۇلىقى 45 گىرادۇس بولۇپ، ئېگىزلىكى 17 مېتىر. باي دۆۋە ‹‹ئاستىدا بايلىق باردۆۋە ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

   بۇ جاي 1956 – يىلى <<ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> قىلىپ بېكىتىلگەن.

   خوجا مەھەممەت شىرىپ مازىرى ناھىيە مەركىزىنىڭ شىمالىدا بولۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2 – خانى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان زامانىسىدىكى دۆلەتنىڭ شەيخۇل ئىسلامى خوجا مەھەممەت شىرىپ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقتىن خوجا مەھەممەت شىرىپ مازىرى، دەپ ئاتالغان. بۇ مازار 1984 – يىلى <<ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسارە – ئەتىقە>> قىلىپ بېكىتىلگەن. 2003 – يىلى <<ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلدىغان ئاسارە – ئەتىقە>> قىلىپ بېكىتىلگەن.

   بەيسى ھاكىم (مىرزا مەھەممەت ھۈسىيىن) گۈمبىزى چىلتەنلىرىم مازارلىقىدا بولۇپ، چىڭ خاندانلىقى تەرپىدىن يەكەنگە ئىش باشقۇرغۇچى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەنگەن كۇچارلىق مىرزا مەھەممەت ھۈسىيىن بەيسە مۇشۇ گۈمبەز ئىچىگە دەپنە قىلىنغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ گۈمبەز 1823 – يىلى ياسالغان. 1984 – يىلى <<ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسارە – ئەتىقە>> قىلىپ بېكىتىلگەن.

   بەيسە ھاكىم گۈمبىزى نەقىش بىزەكلىرى نەپىس، تېخنىكىسى يۇقىرى، كۆرىنىشى كۆركەم خاتىرە ئىمارەت. ياسىلىش شەكلى، بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتە تەتقىقات قىممىتىگە ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

   فۇرقەت قەۋرىسى ناھىيە بازىرىنىڭ تېرەكباغ ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى ئۆزبېكلەر مازارلىقىدا بولۇپ، ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرق تەرپىگە جايلاشقان.

   يېقىنقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى، دېموكراتىك شائىر زاكىرجان خالمۇھەممەت ئوغلى (فۇرقەت) ئۆزبىكىستاننىڭ قوقەنت شەھرىدىن بولۇپ، 1896 – يىلى يەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. نۇرغۇن يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. 1908 – يىلى 51 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇشۇ مازارلىققا دەپنە قىلىنغان. 1956 – يىلى يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى خىراجەت ئاجىتىپ، گۈمبەز ۋە گۈللۈك كاھىشلىق قەۋرە ياساتقان.

   ياقا ئېرىق قورۇل (گۈزەتخانا، قاراۋۇلخانا) يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ 34 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىكى ياقئېرىق يېزىسىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى كورىۋات ئۆستىڭى بويىدىكى سايدا بولۇپ، مۇداپىئە ئەسلىھەسى.

   ياقائىرىق قورۇلنىڭ تارىخىنى خەن دەۋرىدە شاھ كەنت، دەپ ئاتالغان ياركەنت شەھرى تارىخى بىلەن باغلاپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. ياقائېرىق قورۇل 1985 – يىلى<< ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى>> دەپ بېكىتىلگەن.

   قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرە رايونى يەكەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى قاراسۇ يېزىسىدا بولۇپ، ناھىيە مەركىزىگە 28 كېلومىتىر كېلىدۇ، شەرق تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. قۇملۇق مەنزىرە ساياھىتى بىلەن يەرلىك ئەل نەغمىچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى 12 مۇقام ، يەرلىك مەشرەپلەرنى ئاساس قىلغان مەنزىرە ساياھەت رايونى بولۇپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق، كىشىگە قۇملۇق ئارىسىدىكى بوستانلىقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

   ئايبۇلۇڭ يايلىقى يەكەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى دامسى يېزىسىنىڭ كەندىلىك كەنتىدە بولۇپ، ناھىيە مەركىزىگە 130 كىلومېتىر كېلىدۇ.

   يايلاق ئېگىز تاغ ئارىسىدا بولۇپ، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، توپلىشىپ ئوتلاۋاتقان قويلار كۆك ئاسماندىكى ئاپئاق بۇلۇتلاردەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.بۇ يەردە ياز پەسلىدە قوشنا ناھىيە ، شەھەرلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.