باش بەت>ساياھەتچىلىك

يەكەن ناھىيەسىدە يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىك تەييارلاش ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-26 13:06:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


     مۇخبىرىمىز جۇ كې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ شىلىيەن خەۋىرى، فوتوسى: ھەرقايسى يېزا(بازار) لاردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ 20 نەچچە كۈن كەسكىن رىقابەتلىشىشى ئارقىلىق، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكى ۋە زەرەپشان مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېسىل يېمەكلىك تەييارلاش ماھارەت مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلاشتى. بىر تۈركۈم ئالاھىدە، ئېسىل يېمەكلىكلەر ۋە يۇلتۇز دەرىجىلىك 12 «دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشتى.    

     7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا (بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، رايون)لار مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنى يەتتە ئۇچاستىكىغا ئايرىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، 156 نەپەر مۇنەۋۋەر ماھىرنى تاللاپ چىقىپ، 60 خىل يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ئالاھىدە، ئېسىل يېمەكلىك مۇكاپاتىدىن 32 سى، يەككە تۈر بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 18ى،  2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 15ى، يەككە تۈر بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 12سى؛ مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىدىن ئالتىسى؛ تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك «دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» دىن ئىككىسى، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك« دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» دىن بىرى، ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك «دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» دىن تۆتى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق «دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى» دىن ئۈچى، دۆلەت دەرىجىلىك يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن بىرسى باھالاپ چىقىلدى. بۇ ناھىيە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ساياھەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خادىملارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈردى.