باش بەت>ساياھەتچىلىك

قىشتا ساياھەتكە چىققاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-02-28 11:24:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:

ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق ساياھەتنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى قار–مۇز ساياھىتى بولۇپ، قىشتا ساياھەتكە چىققاندا ساياھەتچىلەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. ھاۋا رايى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قىشتا ساياھەتكە چىقماقچى بولغان ساياھەتچىلەر ساياھەت نۇقتىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، چوقۇم ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ھاۋا رايى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى، تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەنلەيدىغان ياكى قار–شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ساياھەت ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، ھاۋا ئېچىلغاندا ساياھەتكە چىقىشى كېرەك.

2. سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك. ساياھەتچىلەر قىش پەسلىدە نەگىلا بېرىپ ساياھەت قىلىشتىن قەتئىينەزەر، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. سالامەتلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشى كېرەك.

3. كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. قار–مۇزلۇق كۈنلەردە ئادەم سەللا دىققەت قىلمىسا تېيىلىپ كېتىپ يارىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا چوقۇم تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغىنى ئېلىۋېلىش كېرەك.

4. دورا تەييارلاش كېرەك. قىش پەسلى سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدىغان، دىققەت قىلمىغاندا ھەتتا قول–پۇت، قۇلاق ئۈششۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا قىشتا ساياھەتكە چىققاندا زۇكام دورىسى، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش دورىسى قاتارلىق زۆرۈر دورىلارنى تەييارلاش كېرەك.

5. يېمەك–ئىچمەككە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ساياھەت جەريانىدا ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.