باش بەت>ساياھەتچىلىك

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-02-28 11:41:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:

ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بىلەن ئىختىساسلىقلار يۈكسەك دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئىختىساسلىقلار ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق ئامىلدۇر.

بىرىنچى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ساياھەتچىلەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغاچقا، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئىختىساسلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى كەسىپلەرگە قوشىدىغان تۆھپىسى زور بولىدۇ. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت مەنزىرە رايونى جايلاشقان جاينىڭ ساياھەت مەھسۇلات قىممىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۆھپە قوشۇپ، رايون ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلار ئىقتىدار، مەسئۇلىيەت، قىزغىنلىق ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە بولىدۇ. ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بولغان بىلەن ئالاقىدار ساياھەت يېتەكچىسى ۋە مۇلازىمەت ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمايدۇ. شۇڭا ئىختىساسلىقلاردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش كېرەك.

تۆتىنچى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقىنى ئىختىساسلىقلارنىڭ بار–يوقلۇقى بولماستىن، بەلكى ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتىكى مېخانىزم ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى توغرا ئىشلىتىش بولماقتا. شۇڭا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتچىلەرنى ئىش ئۈستىدە قاراتمىلىق، ئۈنۈملۈك، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىپ تەربىيەلىشى كېرەك. يېڭى تۈزۈلمە، مېخانىزم بولغاندىلا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى، ئېلىپ قالغىلى بولىدۇ.

قىسقىسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئىختىساسلىقلار شاد–خۇراملىق ئىچىدە ئىشلەيدىغان، ئىختىساسلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان سۇپىغا ئايلاندۇرغاندىلا، ساياھەت مەنزىرە رايونى بىلەن ئىختىساسلىقلار ھەمتۈرتكىلىك ئالغا باسالايدۇ.