باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

دۇنيا سەھنىسىدىكى بۇلبۇل ـــ دىلبەر يۇنۇس

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 19:52:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


  دىلبەر يۇنۇس كىچىك ۋاقتىدىلا ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن «كىچىك چولپان» ئىدى، ئەمما ئۇ دائىم بويىنىڭ پاكارلىقى تۈپەيلىدىن سەنئەت مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم بىر پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەتراپىمدا نۇرغۇن كىشىلەر، ئىمتىھان ئالغان مۇئەللىملەر سەنئەت تالانتى بار دەيتتى، ئەمما ھەر قېتىم ئىمتىھان ئالسا ئۆتەلمەيتتىم، 1.50 مېتىر كېلىدىغان بويۇم يولۇمنى توسۇپ قويغان ئىدى، 1976-يىلى، مەن ئاندىن شىنجاڭ ناخشا-ئۆسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندىم».

  شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دىلبەر يۇنۇس سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇندىمىغان، ئۇ بۇ يەردە مىللىي چالغۇ ـــ غىجەك ئۆگەنگەن، ئەمما ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يىللاردىكى ناخشا ئوقۇتقۇچىسى گو لىڭبىغا ئۇچرىغان. گو لىڭبى مۇنداق دەيدۇ: «دىلبەرنىڭ ماڭا بەرگەن بىرىنچى تەسىرى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى تەبىئىي، بىر ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ». شۇنىڭ بىلەن دىلبەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە گو مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ، 1980-يىلى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، داڭلىق مۇزىكانت شن شياڭدىن تەلىم ئالىدۇ، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.

  1987-يىلى، ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ، ئىككىنچى يىلى، يەنى 1988-يىلى ئۇ فىنلاندىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىغا بېرىپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى بولۇپ، ياۋروپا سەھنىسىدىكى ھاياتىنى باشلايدۇ، 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە گېرمانىيە بوئىن دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى بولىدۇ. ئۇ ئىتالىيان، فىرانسۇز، نېمىس، ئېنگلىز، فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە تىللىرىنى ياخشى بىلىدۇ.

 دىلبەر يۇنۇسنىڭ نۇرلۇق سەھنە ھاياتى ئارقىسىدا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئاچچىق ئىشلار بار. 2004-يىلى ئۇ داڭلىق رېژىسسور يۈ ياڭ (موڭغۇل) نىڭ ئوغلى يۈ شياۋياڭ بىلەن توي قىلغان، ئەمما 2005-يىلى 1-ئايدا، يۈ شياۋياڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا زىققا كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قازا قىلغان، دىلبەر ئۇ ۋاقىتتا فىنلاندىيەدە ئويۇن قويۇۋاتقان بولۇپ، ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۈ شياۋياڭنى قايتا كۆرەلمىگەن. قاتتىق ئازابتا قالغان دىلبەر بىر يىلدەك ئاۋازىنى چىقىرالماي قالغان، بىر يىللىق تەڭشەشتىن كېيىن، ئۇ ئاندىن قايتىدىن سەھنىگە چىققان.

 دىلبەرنىڭ ئاۋازى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن «كىرىستال ئاۋازى» دەپ تەرىپلەنگەن، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ئەلچىلىرى ئۇنى مەدھىيەلەپ، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىغان، لېكىن دىلبەر ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى نام-ئاتىقىغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىزچىل ھالدا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.