باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

پايانسىز ئاسمان، قانىتى تالماس قۇش

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 20:46:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

− مەشھۇر رەسسام، سەنئەت مائارىپچىسى غازى ئەھمەد سەنئەت ھاياتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

ئەنۋەر ئابدۇرېھىم


   جاپالىق ئىجادىيەت مۇساپىسى پايانسىز ئالەم بوشلۇقىغا ئوخشايدۇ. سەنئەتكارنىڭ ھاياتى ئاشۇ پايانسىز بوشلۇقتا تىنىمسىز قانات قېقىش بىلەن ئۆتىدۇ.

   ئۇلۇغ تەڭرىتاغنىڭ ئەل – يۇرتقا سادىق بۇ پىداكار ئوغلانىمۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان كۆپ قاتلاملىق ئانا مەدەنىيىتىمىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قۇتلۇق دىيار بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانا يۇرتىمىزنىڭ پايانسىز، سۈزۈك، جەلپكار ئاسمىنىدا كەسىپداشلار بىلەن بىللە 60 يىل ھارماي – تالماي قانات قاقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چاقناپ تۇرغان تالانتى، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى، ئاجايىپ جاسارىتى، ئۆزگىچە ئۇسلۇبى، يۈكسەك پەزىلىتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن كەسىپداشلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان گىگانىت قۇشقا، مەشھۇر رەسسامغا، ئۇستاز سەنئەتكارغا، داڭلىق سەنئەت مائارىپچىسىغا، خەلقىمىز بىردەك ئېتىراپ قىلغان جامائەت ئەربابىغا ئايلاندى. بۇ ئۇنىڭ ئىپتىخارى، بىزنىڭ بەختىمىز.

   مەھمۇد كاشىغەرىي قاتارلىق تالاي ئۇلۇغ زاتنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مەشھۇر يۇرت قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا 1933 – يىلى دۇنياغا كەلگەن بۇ سەنئەتكار مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك، ئۇنتۇلماس ھايات سەپىرىدىكى 80 – داۋاندىن مەردانىلىق بىلەن ئاتلىغان چېغىدىمۇ موي قەلەم بىلەن گاڭ قەلەمنى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئۆزىنىڭ قېرىماس ئىلھامى بىلەن سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا، ئۇيغۇر سەنئەت مائارىپىدا تۇتقان يۈكسەك ئورنى بۇ قەدىرلىك ئۇستازنى خەلقىمىزنىڭ، جۈملىدىن سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى يىقىلماس مۇنارغا، ئۆچمەس مەشئەلگە ئايلاندۇردى. ئۇ بىزنىڭ پەخىرىمىز، ئۇنىڭ روھى بىزنىڭ تەڭداشسىز ئېسىل بايلىقىمىز.

   كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈككەن، تالانتلىق رەسسام غازى ئەھمەد 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ بېشىدىلا پېرسوناژلار ئوبرازى يادرو قىلىنغان ‹‹ناھەق ھۆكۈم›› ناملىق ماي بوياق رەسىمنى ماھىرلىق بىلەن سىزىپ، ئۆزىنىڭ چاقناپ تۇرغان تالانتى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى روشەن نامايان قىلدى. بۇ داڭلىق ئەسەر ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ئىجادىيىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مەشھۇر رەسسامغا ئايلاندۇردى. رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنى ئېلىمىز رەسسامچىلىقى بىلەن تەڭ قەدەم تاشلىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى.


   ئۇنىڭ ‹‹ئۈزۈم پىشتى››، ‹‹ئاماننىساخان››، ‹‹مۇقام››، ‹‹مۇزىكا مەستانىلىرى››، ‹‹ئوغلاق تارتىشىش››، ‹‹سەنەم››، ‹‹ساما››، ‹‹ئاتۇش ئۇسسۇلى››، ‹‹دولان روھى››، ‹‹چۈشلۈك دەم ئېلىش››، ‹‹كۈچ سىنىشىش››، ‹‹مۇقامچىلار››، ‹‹يۇرتۇمدا باھار كۈيى››، ‹‹تەڭرىتاغ بۇلبۇلى››، ‹‹قەشقەر سەنىمى››، ‹‹پېشقەدەم دېھقان››، ‹‹قوي بازىرى››، ‹‹باياۋاندىكى سەپەر››، ‹‹نازىركوم››، ‹‹قەشقەر كوچىسى››، ‹‹گىلەم، ئۇيغۇرلار››، ‹‹يۈرەك ساداسى››، ‹‹ئاتۇش ئۇسسۇلى››، ‹‹شادلىققا چۆمگەن ئائىلە››، ‹‹خوتەندىكى شادلىق ناۋاسى››، ‹‹كۇچا شادىيانىسى›› قاتارلىق بىر – بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلىرى كەينى – كەينىدىن دۇنياغا كېلىپ، غازى ئەھمەدنى ئېلىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىغا تونۇلغان مەشھۇر رەسسامغا ئايلاندۇردى. بۇ تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ قىممەتلىك ئۈلگىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسەك، رەسسامنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز. ئۇ سىزغان رەسىملەردىكى پېرسوناژلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ قەدەر جانلىق، تەبىئىي سۈرەتلەنگەنلىكى، ئىنتايىن قويۇق تۇرمۇش ھەم چىنلىق پۇرىقىغا ئىگە قىلىنغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىنىشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىزنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇرىدۇ. رەسسام ياراتقان مەزمۇنغا باي، ئاجايىپ كۆركەم، جانلىق ھەم تەسىرلىك بۇ تەسۋىرىي دۇنيادا سەنئەتكە بارلىقىنى بېغىشلىغان بۇ ۋاپادار ئوغلاننىڭ ئۆز ئانا يۇرتىغا، ئۆز قەۋمىگە، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىغا، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلۇغ مەدەنىيىتىگە بولغان تەڭداشسىز چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. بىزگە گويا رەسسامنىڭ موي قەلىمىدىن تۆرەلگەن بۇ پېرسوناژلارنىڭ ئارىسىدا بىز كۆرمىگەن، بىز تونۇمايدىغان، بىزگە ئۇچراشمىغان بىرمۇ ئادەم يوقتەك تويۇلىدۇ. رەسىملەردىكى بۇنداق قويۇق چىنلىق رېڭى رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ ھەربىر ئەسىرىگە ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ ۋە يۇقىرى ئېستېتىك قىممەت ئاتا قىلغان.




   رەسسام تۇرمۇش قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكمىگەن، ئېسىل ئەنئەنىلەردىن ئوزۇق ئالمىغان، رەسىم سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىمىگەن، ئۈزلۈكسىز بىلىم تولۇقلىمىغان، ئانا مەدەنىيىتىمىز بىلەن تولۇق ئۇچراشمىغان، ھەرخىل كەسىپ بىلەن تونۇشمىغان، بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرلارنى ئىنچىكە كۆزەتمىگەن، ئۆزىگە خاس ماھارەت يېتىلدۈرمىگەن ۋە پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش جەريانىدا يېتەرلىك قان – تەر ئاققۇزمىغان بولسا، ‹‹مۇقام›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى دۇنياغا كەلمىگەن، رەسسام غازى ئەھمەدمۇ بۈگۈنكىدەك يۈكسەك نوپۇزغا ھەم شان – شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

   مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ شەرق رەسىمچىلىكىنىڭ سىزىق ئارقىلىق شەكىل يارىتىش ماھارىتى بىلەن غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنى پىششىق ئىگىلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن ئىجادىي پايدىلانغانلىقى بۇددا دىنى دەۋرىدىكى مىڭئۆي، تاش كېمىر رەسىم سەنئىتى بىلەن ئىسلام دىنى دەۋرىدىكى مىنياتىيۇرا رەسىم سەنئىتىدىن زۆرۈر ئۇزۇق ئالغانلىقى ۋە ئۆزىگە خاس رەسساملىق تىلى ھەم ئۇسلۇبى يارىتىپ، ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس جاسارەت بىلەن سەنئەتنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تىنىمسىز ئىلگىرىلىگەنلىكى بىزنى ئىختىيارسىز سۆيۈندۈرىدۇ.

   رەسسام غازى ئەھمەد مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، مىرزا ھەيدەر كوراگان قاتارلىق كىلاسسىكلار بىلەن تاجىك، قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە ئېران، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەردىكى دوستلارنىڭ رەسىملىرىنى ئىشقى – زوق بىلەن كېلىشتۈرۈپ سىزىپ، ئىجادىيىتىنى كۆپ تەرەپلىمىلىككە، كەڭلىكلىككە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹پامىردا باھار كۈيى››، ‹‹پامىردىكى مۇھەببەت››، ‹‹پامىردا باھار پەسلى››، ‹‹دومبىرام››، ‹‹ئېران قىزلىرى››، ‹‹تۈركمەن خەلق ناخشىسى›› قاتارلىق رەسىملىرىدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى قەدىرلەيدىغان، كۆپ مىللەتلىك دۇنياغا ئىشتىياق باغلىغان، دوستلۇقنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ئالىيجاناب سەنئەتكارنىڭ باي روھى ئالىمىنى روشەن نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

   غازى ئەھمەد موي قەلەم بىلەن سىزىلغان رەسىمىنى گاڭ قەلەم بىلەن يېزىلىدىغان شېئىرغا، گاڭ قەلەم بىلەن يېزىلغان شېئىرنى موي قەلەم بىلەن سىزىلىدىغان رەسىمگە ئايلاندۇرالايدىغان سەنئەتكار. رەسىمنى شېئىرنىڭ ئانىسىغا، شېئىرنى رەسىمنىڭ ئانىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىجادىيىتىدىكى روشەن ئۆزگىچىلىك. رەسسام 2013 – يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ‹‹ئارزۇ›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن نەزمىي ئەسەرلەر شېئىرغا ئايلاندۇرۇلغان رەسىملەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رەسسامنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ نەزمىلەر ئۇنى شائىرلىق بەختىگىمۇ ئېرىشتۈردى.

   كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر سەنئىتى، جۈملىدىن رەسسامچىلىق سەنئىتىمىز ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى پەللىلەرگە ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىدۇ. قىممەتلىك موي قەلەم بىلەن گاڭ قەلەم بىر ئەۋلادنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئەۋلادنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ زىممىسىگە ياراملىق ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. غازى ئەھمەد يېڭى جۇڭگودا يېتىلگەن تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى بۇ مەجبۇرىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئاڭلىق ئادا قىلدى. ئۇ تەسۋىرىي سەنئەت مائارىپى بىلەن 40 يىل شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تالانت مايسىلىرىنى، ئۈمىد چېچەكلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈردى. ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە رەسسام غازى ئەھمەدنىڭمۇ، ياراملىق ئىزباسارلىرىنىڭمۇ ئۆچمەس ئىزلىرى قالدى. بۇ مۇبارەك ئىزلاردىن گۈزەل بىر تارىخ ئاپىرىدە بولدى.

   غازى ئەھمەدنىڭ موي قەلەمدە رەڭ بىلەن ئاپىرىدە قىلغىنى ئادەتتىكى رەسىم ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بىر تارىخ، تەڭداشسىز ئېسىل بىر مەدەنىيەت. بۇ بۈيۈك تارىخنى، بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى مۇشۇ ئۇلۇغ ئانا زېمىندا ياشىغان ئۇلۇغ ئەجدادلار، ئاددىي، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان، سەنئەتخۇمار خەلق ياراتقان. ھەسەن – ھۈسەندەك جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ رەڭدار، ئېسىل، كۆركەم، قىممەتلىك، مەدەنىيەتكە تەڭرىتاغ ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ بىھېساپ قان – تەرى سىڭگەن، ئانا يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ۋاپادار سەنئەتكار، تالانتلىق رەسسام غازى ئەھمەد تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۆلەت ئىچىگە ھەم دۇنياغا تونۇتتى. رەسىملىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئانا يۇرتىنى، ئۇلۇغ ئانا مەدەنىيەتىنى، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان خەلقنى گەۋدىلەندۈردى. سەنئەتكارنىڭ ئوتلۇق سۆيگۈسى بىلەن سوغۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىك موي قەلىمىدىن تۆرەلگەن بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىنمۇ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سارايلارنىڭ تۆرىدىنمۇ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي ئۆيلىرىنىڭ تۆرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. مېنىڭچە، بۇ مەشھۇر رەسسامىمىز غازى ئەھمەدكە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا مۇكاپاتتۇر.