باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

تۆھپە كۆمۈلمەيدۇ، تۆھپىكار ئۆلمەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 20:48:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى، دىراما ئارتىسى ئابدۇقادىر يۈسۈپ توغرىسىدا

خۇدابەردى ئابدۇللا

    ھەر قېتىم تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىن دىراما ئارتىسى، قىزىقچى مۇھەممەدجان روزى سايىتنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق رېژىسسورى، دىراما ئارتىسى مەرھۇم ئابدۇقادىر يۈسۈپنى دوراپ، ‹‹ئارزۇلۇق بالا›› دىرامىسىدىكى يارمەت كاشالنىڭ رولىنى ئوينىغىنىنى كۆرگىنىمدە مەرھۇم خۇددى ھاياتتەكلا تۇيۇلىدۇ. ئارىمىزدىن كەتكىنىگە 14 يىل بولغان، ھاياتىنىڭ ھوسۇللۇق يىللىرىنى خەلقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، 40 نەچچە سەھنە ئەسىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، ‹‹ئارزۇلۇق بالا›› دىرامىسىدا يارمەت كاشالنىڭ، ‹‹يېڭى يەر››(شايى سۇزانە) دىرامىسىدا مەۋلان ئاكىنىڭ، ‹‹غۇنچەم›› دىرامىسىدا ئۆمەر شاڭيونىڭ، ‹‹غېرىب – سەنەم›› ئوپېراسىدا جالالىدىن موللامنىڭ رولىنى ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە كۆمۈلمەس ئىز قالدۇرغان ئابدۇقادىر يۈسۈپنى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنى ئەسكە ئالىمەن.

    1933 – يىلى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەكتەپتىن قايتقان ئابدۇقادىر يۈسۈپ ھېيتگاھ مەيدانىدىكى ۋاقىتلىق سەھنىدە ئوينىلىۋاتقان ئۆزبېك تىياتىرى ‹‹ئايخان››، ‹‹سەلىم››نى كۆرۈپ تىياتىرغا قىزىقىپ قالىدۇ. شۇ ئىشتىياق، ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ سەنئەت كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىپ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى كىچىك سەھنە ئەسىرىدە پارىخورنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ، تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. 1938– يىلى ئۇ دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سابىق يەكەن ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، بازارلىق مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ھەم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئابدۇقادىرنىڭ سەنئەتتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارىنى بايقىغان ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەھبەرلىكى ئۇنى 1940– يىلى سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك سانايى نەپىسەنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى بېرىدۇ. قىزىقىشى ۋە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇقادىر «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «غېرىب – سەنەم»، «رابىيە – سەئىدىن»، «ئارشىن – مال ئالان»، «شاڭخەي كېچىسى»، «شەرقىي شىمال ئىشچىلىرى»، «چىمەنگۈل»، «قارا چوقۇر»، «چەككۈلۈك نەتىجىسى»، «شەرمەندىلەر» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئاساسلىق روللارنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئويناپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئىنقىلابىي سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلەپ ئوينىلىپ، خەلقنىڭ ئويغىنىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئابدۇقادىرنىڭ سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى سەھنىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

    ئازادلىقتىن كېيىن سەنئەت ساھەسىدىمۇ يېڭى باشلىنىش، جانلىنىش بولدى. ئابدۇقادىر يۈسۈپسەنئەت ھاياتىنى قايتا باشلاپ، 1950 – يىلى سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ‹‹قانلىق داغ››، ‹‹ئاكا – ئۇكىلار››، ‹‹دېھقانلارنىڭ ھاياتى›› (سابىق يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قاسىمجان قەمبىرى بىلەن ئابدۇقادىر يۈسۈپ بىرلىشىپ يازغان)، ‹‹يېڭى يەردە›› (شاھى سۇزانە)، ‹‹غۇنچەم›› دىرامىلىرىغا رېژىسسورلۇق قىلىپ ھەم ئاساسلىق رول ئېلىپ، سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى، ئۆزىمۇ تونۇلدى.

    ئابدۇقادىر يۈسۈپ رېژىسسورلۇقنى سىستېمىلىق ئۆگەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇزاق مۇددەت سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان، سەنئەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ماھىر سەنئەتكارغا، يېتىلگەن رېژىسسورغا ئايلانغان. ئۇ سەنئەت ھاياتىدا ئۇستاز ۋە رېژىسسورغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارتىسلار چۈشىنىپ يېتەلمىگەن سۇژىت قۇرۇلمىسى، پېرسوناژ خاراكتېرىنى تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن؛ ھېسسىيات بىلەن ھەرىكەتنى زىچ بىرىكتۈرۈپ، مەزمۇننىڭ تولۇق ئىپادىلىنىشى، ئوبرازنىڭ مۇكەممەل، جانلىق يارىتىلىشىغا كۆپ تەر ئاققۇزغان.

    ئابدۇقادىر يۈسۈپ 1981 – يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ سەھنىدىن قالماي، ‹‹مەسلىھەت چېيى›› دىرامىسىغا، ‹‹رابىيە – سەئىدىن›› ئوپېراسىغا، ‹‹مۇقام ئۇستازى›› دىرامىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلدى. بۇ دىراما، ئوپېرالار خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. شۇ مەزگىلدە ‹‹مەسلىھەت چېيى›› دىرامىسى 200 مەيدان ئوينالغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلار كۆرۈپ قانمىغان. ئابدۇقادىر يۈسۈپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹كۆمۈلمەس ئىزلار››دا نوشىرىۋان تەيجىنىڭ، ‹‹مۇقام ئۇستازى››دا خوجا داموللىنىڭ، ‹‹جەنۇبتىكى جەڭ مارشى››دا ھەبىبۇللا ئەلەمنىڭ، ‹‹رابىيە – سەئىدىن››دە باينىڭ، ‹‹كېچىككەن توي››دا دېھقاننىڭ، ‹‹ئىككى ئانا››دا بىدىكنىڭ، ‹‹مېنىڭ دادام››دا جا جىڭلىنىڭ، ‹‹ئەزىزە››دە خالىسخان قارىمنىڭ، ‹‹ياقا يۇرتقا مۇھەببەت››دە قوغۇنچى بوۋاينىڭ، ‹‹ئارزۇلۇق بالا››دا يارمەت كاشالنىڭ رولىنى يۇقىرى ماھارەتتە ئېلىپ، تىياتىر ئارتىسلىقىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە ئۈلگە ياراتتى.

    ئابدۇقادىر يۈسۈپ ئۆزلۈكىدىن ماھارەت يېتىلدۈرگەن ئىقتىدارلىق تىياتىر ئارتىسى بولۇپلا قالماستىن، داڭلىق ئۇسسۇلچى، ماھىر سازەندە ھەم ناخشىچى، ئۇنىڭ دۇتار بىلەن ئېيتقان ناخشىلىرى تومۇزدا چىققان مەيىن شامالدەك ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدۇ.

    قەشقەردىكى چېغىمدا مەرھۇم بىلەن پات – پات ئۇچرىشىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت، دىراما، تىياتىر، ئۇسسۇل ھەققىدە نۇرغۇن سۆھبەتلەردە بولغانىدىم. تەبىئىي قىزىقىش، تەبىئىي تالانت ئاساسىدا ئەمەلىيەتتە يېتىلگەن بۇ تۆھپىكار سەنئەتكار سەنئەت، سەھنە ھەرىكىتى، رېژىسسورلۇق، ئارتىسلىق ھەققىدە خۇددى سەنئەت مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورلىرىدەك تولىمۇ سەۋىيەلىك، قايىل قىلارلىق سۆزلەيتتى. تەسەۋۋۇرغا باي، پىكرى چوڭقۇر بۇ سەنئەت پېشۋاسىنىڭ مۇنداق سۆزى تېخىچە ئېسىمدە: ‹‹تىياتىرچىلىق كىنوچىلىققا قارىغاندا ئىپادىلەش قىيىنراق، تىياتىرچىلىقتا قول، پۇت، كۆز، قاش، ئېغىز، تىل ئىما – ئىشارەتلىرى، يوشۇرۇن مۇئەممەلەرنى سۈپەتلىك ئىپادىلەشكە، چاققانلىق، زېرەكلىك، ھوشيارلىق كېرەك، كىنولاردا ئارتىسلارنىڭ ھەرىكەت ئىپادىلىرى ئاپپارات ئارقىلىق چوڭايتىپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ، قايتا – قايتا ئېلىشقا بولىدۇ، دىراما، تىياتىرلاردا ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دىراما، تىياتىرلاردا توقۇنۇش، زىددىيەتلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، تىياتىردا ئارتىسلار سۆز، ھەرىكەت ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتىدۇ، پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىدۇ، تىياتىر ئارتىسى پېرسوناژ ئوبرازىنى جانلىق يارىتىش ئۈچۈن پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىگە خاس سۆزلىشى، ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر، بۇنىڭ ئۈچۈن تىياتىر ئارتىسى ئادەملەرنىڭ خاس خاراكتېرىنى كۆزىتىشى، تۇرمۇش تەجرىبىسىنى كۆپەيتىشى، تىلغا، جۈملىدىن شىۋە، تەلەپپۇزغا باي، پىششىق بولۇشى زۆرۈر.››

    ئابدۇقادىر يۈسۈپنىڭ تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدىلىكلىرى كۆپ، ئۇنىڭ كەمتەرلىكى، ئاددىي – ساددىيلىقى، مىننەتسىزلىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئابدۇقادىر يۈسۈپ شۇنچە يىل سەنئەت، ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇنچە كۆپ داڭلىق ئەسەرلەرگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، دىراما، ئوپېرا، تىياتىرلاردا باش روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ، سەنئەت ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، داۋراڭ سالمىدى، شان – شەرەپ قوغلاشمىدى، نام – مەنپەئەت تەمە قىلمىدى. 1953 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەچكە، ھاياجانلانغان تاماشىبىنلار، باشقا ۋىلايەت ئارتىسلىرى يەكەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز دەپ سەھنىگە چىققاندا، ئابدۇقادىر يۈسۈپ ئۆمەكنىڭ زاپخوزىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. سەھنىگە چىققانلار ئۆمەك زاپخوزىنى ئورۇۋېلىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلغان ئەھۋالنى ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ ھايات بۇرادەرلىرى ھازىرمۇ ھېكايە قىلىپ چايخانىلاردا سۆزلەپ يۈرۈشىدۇ.

    ئابدۇقادىر يۈسۈپ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە مول، ئىنكاسى تېز بولغاچقا، ھەرقانداق رولنى تولىمۇ قاملاشتۇرۇپ ئالاتتى، ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان، رول ئالغان دىراما، ئوپېرالار ئورۇنلاش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن رېئاللىققا بەك ئوخشاپ كەتكەچكە، دىراما، ئوپېرا كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار تۇيمىغان ھالدا ئۆزىنى دىراما، ئوپېرادا نامايان قىلىنىۋاتقان رېئاللىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئابدۇقادىر يۈسۈپ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ئابدۇقادىر يۈسۈپلەر ‹‹دېھقانلار ھاياتى›› ناملىق سەھنە ئەسىرىنى قاغىلىق ناھىيەسىدە ئورۇنلاۋاتقاندا، تاماشىبىنلار سەھنىگە چىقىپ ‹‹يوقالسۇن ئەزگۈچى زالىملار›› دەپ شوئار توۋلاپ، كەمبەغەل دېھقاننى باغلاپ، ئېسىپ ئۇرۇۋاتقان بەگ يايىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسنى ئۇرۇپ كەتكەن. ئابدۇقادىر يۈسۈپ رېژىسسورلۇق قىلغان، باش رول ئالغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ رېئاللىققا شۇنچە ئوخشاپ كېتىشىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشقا چۆكۈپ، تۇرمۇشنى كۆزىتىپ، جەمئىيەتتىن رولىنى ئالماقچى بولغان پېرسوناژغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەمنى تېپىپ، ئۇنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، تۇرمۇش ئادىتى، گەپ – سۆزى، يۈرۈش – تۇرۇشىنى ئۆگىنىپ ئوبراز يارىتىش ئادىتى ئاساسىي سەۋەب بولغان. ئۇ ‹‹ئارزۇلۇق بالا›› دىرامىسىدىكى يارمەت كاشالنىڭ رولىنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئەسەرنى ئوقۇپ، يارمەت كاشالنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئارتىس بولمىسىمۇ، ئارتىستەك يۈرۈيدىغان، ئارتىستەك گەپ قىلىدىغان ‹‹چاقماقجان››نى دوست تۇتۇپ، گەپ – سۆزى، ھەرىكىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يارمەت رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغان. ھازىر كىشىلەر دىرامىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇنتۇپ كەتسىمۇ، يارمەت كاشالنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئۇنتۇغىنى يوق.

    ئەخلاق ئادەم زىننىتى، سەنئەتكارغا ئېسىل ئەخلاق يار بولسا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، ھۆرمىتى ئاشىدۇ. ئابدۇقادىر يۈسۈپ ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، ئۇ بىر ئۆمۈر كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلدى. شۇڭا، خەلق مەرھۇمغا كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن بەردى، ھۆرمەت قىلدى، تەشكىلمۇ قۇتلۇقلىدى. 1982 – يىلىدىن 1986 – يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۆت قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە، 1982 – يىلى ۋە 1991 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر كۆرەكلىرىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ئورۇنلىغۇچى››، 1989 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ‹‹يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمى›› بولۇپ باھالاندى. 1991 – يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ‹‹پېشقەدەم تۆھپىكارلارنىڭ سەنئەت ھاياتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى›› ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇقادىر يۈسۈپنىڭ سەنئەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى يۇقىرى باھالاپ تەقدىرلىدى.

    قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان، نۇرغۇن شاگىرت، ئىز باسار تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان بۇ مۆتىۋەر ھۆرمەت ئىگىسى 1997 – يىلى 15 – دېكابىر ئۆزى بىر ئۆمۈر سۆيۈپ شۇغۇللانغان سەنئەت ئىشلىرى بىلەن ۋىدالىشىپ، ئالەمدىن ئۆتتى. گەرچە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن خاتىرە مۇنارى تىكلەنمىگەن، ھەيكەل قاتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرى، ئىخلاسمەنلىرى ئۇنىڭ ئاددىي قەبرىسى بېشىغا چىقىپ، مەرھۇمنى يوقلاپ ياد ئەتمەكتە.