باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

تۆھپىكار كومپوزىتور ئەل قەلبىدە

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 20:55:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلەت ئابدۇللا توغرىسىدا

   خۇدابەردى ئابدۇللا

    پېنسىيەگە چىققان نەچچە يىلدىن بېرى بىكارچىلىقتا تېلېۋىزور ياكى رادىيودىن سەنئەت نومۇرلىرىنى، جۈملىدىن كومپوزىتور ئابلەت ئابدۇللا ئىجاد قىلغان، رادىيودا ئاڭلىتىلىپ، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان يەتتە مىنۇتلۇق «قەشقەر ساماسى» قاتارلىق ناخشا ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، ھۇزۇر ۋە زوق ئېلىپ، سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇ ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە، مۇخبىرلىق ھاياتىمدا ئۇزاق يىل قەشقەردە بىللە ياشاپ تۇرۇپمۇ سەنئەت جەھەتتىكى تۆھپىسىنى بايقىيالمىغان دۆلەتلىك 1–دەرىجىلىك كومپوزىتور ئابلەت ئابدۇللانى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە، 2011–يىل 9–ئاينىڭ 16–كۈنى ئابلەت ئابدۇللانىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قورۇسىدىكى ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئۆيىدە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، مەيدىسىنى شىرەگە تىرەپ بىرنەرسە يېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىچىم ئاچچىق بولغان بولسىمۇ، چاندۇرماي يېنىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، قېشىدا ئولتۇرۇپ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى سورىدىم.

   ــ نېمە يازاتتىم، «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال» دېگەندەك، چالا قالغان ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈۋاتىمەن، دېدى ئابلەت ئابدۇللا ھازىرقى قىسمىتىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا، 1963–يىلىدىن باشلاپ پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر قىلغان ئىجادىيىتىمنىڭ نامايەندىسى 360 ناخشىدىن تۈزۈلگەن ئىككى قىسىملىق ‹‹قەشقەر خەلق ناخشىلىرى›› ناملىق كىتابىمنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشىمغا ئىلھام بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پۇتۇمنىڭ ئاغرىق ئازابىنى ئۇنتۇپ ئۇزاقتىن بۇيان ماتېرىيال توپلاۋاتقان 40 بابلىق، چوڭ ھەجىملىك «مۇزىكا ۋە ئىجادىيەت» ناملىق دەرسلىك خاراكتېرىدىكى كىتابىمنى نەشرگە تەييارلاۋاتىمەن.

    ئابلەت ئابدۇللاغا 1984–يىلى قەنت كېسىلى چاپلىشىپ، تولا داۋالىنىپ ساقىيالمىغاچقا، 2009 – يىلى 12 – ئايدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ دەرد ئېغىر بولغان ئوڭ پۇتى ئۈستىدىن 20 سانتىمېتىر قالدۇرۇلۇپ كېسىۋېتىلگەن. مەن بۇ ئۈمىدۋار، قەيسەر سەنئەتكارنىڭ خىزمەت تارىخىنى ۋاراقلىدىم.

    ئابلەت ئابدۇللا 1959–يىلىدىن 1963–يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇل ئارتىسى بولغان؛ 1963–يىلى «جەڭچى يارىمنى ئەسلەيمەن»، «يېزىغا يۈرۈش مارشى» ناملىق ئىككى ناخشا تېكىستى بىلەن ئىجادىيەت قوشۇنىغا كىرگەن؛ 1965 – يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا مەدەنىيەت – سەنئەت خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك تەربىيە خىزمىتىگە ماسلىشىپ، دېھقان–چارۋىچىلار ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرىدىن ھال سوراپ ئويۇن قويۇش داۋامىدا، ھەم ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، ھەم سەنئەت گۇرۇپپىسىنى كىچىك – كىچىك سەنئەت نومۇرى ئىجادىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەل ئارىسىدىكى نۇرغۇن خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنى توپلىغان؛ يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت ھاياتىدا 1000غا يېقىن سەنئەت نومۇرى، چوڭ – كىچىك ئوپېرا، دىراما، ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن؛ ‹‹رەھمەت ئېيتايمۇ؟››، ‹‹بېغىم ھاۋالىق››، ‹‹توم يۇمىلاق››، ‹‹ئاچا – ئاچا، جېنىم ئاچا››، ‹‹گۈليارىمەي گۈليار››، ‹‹ئالمىنىڭ تاياقىمۇ؟››، ‹‹ھىجران ناخشىسى››، ‹‹ئاينىڭ بالىسى دەيمۇ؟››، ‹‹ئايەمدىكى خۇشاللىق››، ‹‹ئىنتىزارلىق››، ‹‹سالام بولسۇن›› قاتارلىق ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى ئىشلىگەن، مۇزىكىسىنى رەتلىگەن؛ خەلق قوشاقلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلىگەن ناخشىلىرى شىنجاڭدا ئومۇملىشىپ، ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈن ۋە باشقا خاتىرە كۈنلەردە سورۇن – سورۇندا ئېيتىلىدىغان ھەم ئاڭلىغۇچىلار قىزىقىپ ئاڭلايدىغان مودا ناخشىلارغا ئايلانغان؛ ‹‹رەھمەت ئېيتايمۇ››، «باغىم ھاۋالىق» ناملىق ناخشىلىرى ‹‹رەنانىڭ تويى›› فىلىمىدە ئىشلىتىلگەن؛ ئۇ ئىشلىگەن ‹‹كوئىنلۇن باغرىدا›› ناملىق مۇزىكا 1972 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەييارە سەنئەت كۆرىكىدە 1–دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىشىدا 1973 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرەكتە يەنە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 1974–يىلى يەنە جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر ناخشا – مۇزىكىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، بۇ ناخشا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىغا داۋاملىق ئاڭلىتىلماقتا.

    1985 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆرىكىدە ئابلەت ئابدۇللا ئىشلىگەن ‹‹سۆيۈملۈك ۋەتىنىم›› ناملىق ناخشا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1990 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئۇسسۇل كۆرىكىدە مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن «خۇشال يىگىتلەر» ئۇسسۇلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەقدىرلىشىگە، ئۇ ئۆزى تېكىست يېزىپ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن چاتما لەپەر ۋە ‹‹كۆچ – كۆچ ئۇسسۇلى›› 1997 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 3–قېتىملىق سەنئەت بايرىمىدا 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يۇقىرىقى تۆھپىلىرىگە ئاساسەن ئابلەت ئابدۇللا 2011 – يىلى دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك كومپوزىتور ئۇنۋانى ئالغان.

    ئابلەت ئابدۇللا مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، شۇنچە كۆپ نادىر مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە نائىل بولسىمۇ، ئۆزىنى چوڭ تۇتماي، كەسىپتىمۇ، ئەخلاقتىمۇ تەڭ يېتىلىپ، ھەقىقىي خەلق سەنئەتكارىغا خاس خىسلىتىنى نامايان قىلدى. 2002 – يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئابلەت ئابدۇللاغا ‹‹ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمى›› دېگەن شەرەپلىك نام بەردى.

    ئابلەت ئابدۇللانىڭ يېتىلگەن ئەدەبىيات–سەنئەت تالانتى ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىلنى بىلگۈم كەلدى:

    — سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولغاندەك، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەتكە قەدەم قويۇشلىرى ۋە بۇ جەھەتتە بۈگۈنكىدەك يېتىلىشىلىرىگە تۈرتكە بولغان سەۋەب نېمە؟

    67 ياشقا كىرگەن، بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، تەنھەرىكەتچىلەردەك تەمبەل، سۇمباتلىق بۇ كومپوزىتور بەستىگە ياراشقان قىسقا چار بۇرۇتىنى سىيلاپ تۇرۇپ: نېمە دېسەم بولار؟ جاللات شېڭ شىسەي ئەسلىي نىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازا يۈرگۈزگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن دادامنىمۇ تۇتۇپ قاماپ ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن ئىكەن، ئۇ چاغدا ئەمدى تۇغۇلۇپتىكەنمەن، مېنى يەكەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئانام بېقىپ چوڭ قىپتىكەن، ئانامنىڭ سەنئەتتىن ئاز – تولا خەۋىرى بولۇپ، بەزىدە ئەينى چاغدىكى يەكەن ۋىلايەتلىك سانائى نەپىسىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، شۇ ئانامنىڭ تەسىرى رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئۆزىنىڭ سەنئەت بوسۇغىسىغا تۇنجى قەدەم قويغان چاغلىرىنى ئەسلىدى.

    1959 – يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىم ئىدى، يېزا تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرى تەييارلاۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ نومۇرىنى كۆرۈۋېتىپ، لەپەر يوقلۇقىنى بايقاپ، ئۈچ كۇبلېت ‹‹يېزىمىزنىڭ باغلىرى›› دېگەن قوشاقنى يېزىپ، ئاھاڭىنى غىڭشىپ تۇرۇپ تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا ئوقۇپ بەردىم، ئۇ خۇش بولۇپ كېتىپ بىر قىز، بىر ئوغۇلنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن لەپەرگە بىر قىز بىلەن ئۆزۈم چىقتىم ھەم تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرەككە قاتناشتىم. ناھىيە بويىچە 16 يېزا كۆرەككە تەشۋىقات ئەترىتى قاتناشتۇرغان بولۇپ، مەن ئىجاد قىلغان ‹‹يېزىمىزنىڭ باغلىرى›› ناملىق لەپەر ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاشتا ‹‹1 – دەرىجىلىك نومۇر›› بولۇپ باھالىنىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندىم ھەم ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تاللىنىپ قەشقەرگە كەلدىم، شۇنىڭ بىلەن سەنئەت ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى.