باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قۇتقازغۇچىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 20:58:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   مۇقام ــ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىسى. ئۇ ئەڭ ئىپتىدائىي سەنئەت شەكىللىرىنىڭ سىرلىق ئالىمىدىن بۈگۈنكى زامانداش مۇزىكانتلارنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەلىرىگىچە ئادەمنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئېستېتىك زوق ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى ــ گۈزەللىك مۈلكىنىڭ مەڭگۈ سۇلماس چېچەكلىرىدۇر. ئۇلاردا ئىشىق بار، دەرد بار، شادلىق بار... ئۇلاردا تىنىمسىز، ئوتلۇق قەلبنىڭ بۈيۈك تەلپۈنۈشلىرى، يۈكسەك، ئالىيجاناپ روھنىڭ بىتەكرار سۈرەتلىرى، مەنزىرىلىرى بار... تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۆزىگە تەئەللۇق مانا شۇنداق سىرلىق ئالەمنىڭ ئىچ-ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ۋە بىر ئۆمۈر ئۇنى ئۆزىگە رەھنامە قىلغان مۇقام ئۇستازىدۇر. ئۇنىڭ ئورنى، تەقدىرى مۇقام بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.


  تۇردى ئاخۇن ئاكا 1951-يىلى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە چاقىرىلغاندىلا، ئۆزىنىڭ مۇقامغا، ئەل-يۇرتقا لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئالەمشۇمۇل بەختكە چۆمگەن ۋە ئۇزاقتىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرنى خەلقىگە تەقدىم قىلىشقا بەل باغلىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىسى خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن مەدەنىي، مەنىۋى ھاياتىغا سىڭىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتمۇ مۇقەررەر سەنئىتىمىزگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت نىشانىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەي، كامىل ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمىزكى، تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ كۆركى، پەخرى ۋە ئۇنى ساقلاپ قالغۇچى، قۇتقازغۇچى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ۋە بۇ ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىدىن خۇددى تاغدەك سالماققا ئىگە تارىخىي كۈچ بالقىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس بىتەكرار سەنئەتكار سۈپىتىدە تارىخنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى مۇڭلۇق ساتارى بىلەن ياڭراق كۈيلىرىدە ئىپادىلەپ، ئۇلارنىڭ مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغ مۇرەببىلىك رولىنى ئوينىدى.

    تۇردى ئاخۇن ئاكىدىن ئىبارەت ئاشۇنداق كەڭ ۋە ھەيۋەتلىك مەنىۋى سەھنە بولمىغان بولسا، كومپوزىتور ۋەن تۇڭشۇغا نوتىغا ئالىدىغان 12 مۇقاممۇ بولمىغان بولاتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يېقىندا نەشر قىلىنغان «مۇقامنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇتقازغۇچىسى ــ ۋەن تۇڭشۇ» دېگەن كىتابتا بۇ ھەقىقەتنىڭ يۈزى سەل خىرەلىشىپ قالغان. مەن بۇ گەپلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ۋەن تۇڭشۇنىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەس. پەقەت ھەر قانداق ئىش ئۆز لايىقىدا بولغىنى، ھەر قانداق گەپ سىڭىپ پاتا بولغىنى ياخشى دېمەكچىمەن!

    بۇ يەردە مەن يەنە مۇقامنى رەتلەش، نوتىغا ئېلىش قاتارلىق رەھبەرلىك ۋە تېخنىكىلىق ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ۋەن تۇڭشۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليەن شاۋمېيلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى مۇقامغا ئاتىغانلىقى ۋە شۇ يولدا بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئىزدەنگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالىمەن، ئەلۋەتتە. ۋەن تۇڭشۇ بىلەن ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى مۇقامغا باغلانغان يېرىم ئەسىرلىك جاپالىق، مەنىلىك سەنئەت ھاياتىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن مۆجىزىلىك ئەمگەك مېۋىلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئوتلۇق ناخشىسىنى ياڭراتتى ۋە مىللەتلەر ئارا نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى. ۋەن تۇڭشۇ ئىشلىگەن نوتا دۇردانىلىرى مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشلەر، ئېغىر مېھنەتلەر نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ مۇقام تېكىستلىرىنىڭ يېزىلىش تەرتىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا نوتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇشتىن، كېيىنكى ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇشقا ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا نوتىدا بار بولغان شەرتلىك بەلگىلەر مۇقام ئاھاڭىدىكى نازۇك مېلودىيەلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەندە، ۋەن تۇڭشۇ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، يېڭى بەلگىلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقئارا نوتىنى بېيىتتى. دېمەك، ۋەن تۇڭشۇ ئاغزاكى مۇزىكا مۇقامنى رەتلەش ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا نوتىسىنى تۇرغۇزۇپ جاھانغا تونۇتۇش جەھەتتە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ھارماس تۆھپىكار!

    بىز ئەمدى تۆۋەندە ۋەن تۇڭشۇنىڭ ئۆزى: «‹12 مۇقام› نىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىش جەريانى توغرىسىدا ئەسلىمە» ناملىق ماقالىسىدە نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:

    1. «1954-يىللىرى ئىدى، تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا مىراسى ‹12 مۇقام› نى ساقلاپ قالغان زور تۆھپىسى ئۈچۈن، خەلق ئۇنىڭغا يۇقىرى شان-شەرەپ ئاتا قىلدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى...».

    2. «...ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى ‹1956-يىلى 5- سېنتەبىر› تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بەختكە قارشى قەشقەردە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قايغۇردۇم. تەلىيىمىزگە يارىشا رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دەل ۋاقتىدا ‹12 مۇقام› نى توپلاش، رەتلەش ئىشىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم قوللىشى بىلەن ئاخىر بۇ قىممەتلىك مۇزىكا مىراسلىرىنى تامامەن ساقلاپ قالدۇق. بولمىسا ‹12 مۇقام› نىڭ زور قىسىم مۇزىكىسى چوقۇم (تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن بىللە) يوقاپ كېتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن تولدۇرغۇسىز زىيان بولغان بولاتتى...».

    3. «...22-چىسلا (1957-يىلى ئاۋغۇست) گۇرۇپپىمىزدىكى بارلىق يولداشلار ھوشۇر ئاخۇننىڭ باشلامچىلىقىدا ئاپئاق غوجام مازىرىغا چىقىپ تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلدۇق. بوۋاينىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، ئەينى يىللاردا بىللە ئىشلىگەن چاغلارنى ئەسلىدۇق، كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم بولدى. لېكىن بوۋاينىڭ خاتىرجەم يېتىشى ئۈچۈن مۇنداق تەسەللىي بەردۇق: دۆلەت يېقىندا سىز ئوقۇغان ‹12 مۇقام› نىڭ مۇزىكىسىنى نەشر قىلىدىغان بولدى...».

    مانا بۇ ھايات ھەقىقىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان توغرا، رېئال پىكىرلەردۇر. بىز بۇ بايانلاردىن ۋەن تۇڭشۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىلا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقامنى قۇتقازغۇچىسى ئىكەنلىكىگە بەرگەن لىللا باھاسىنى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ تۇردى ئاخۇن ئاكىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى كۆرۈپ ئالالايمىز ھەم ھەقلىق يوسۇندا: تۇردى ئاخۇن ئاكا مۇقامنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىكى باش پېرسوناژ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرالايمىز!

    پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش ئىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمىگەن بولسا، مۇقام ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى سائادەتلىك كۈنلىرىگە ئۇلىشالمايتتى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قان-تەرى، ئەقىل-پاراسىتى سىڭدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا جۇ ئېنلەي زۇڭلىدىن تارتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگىچە مۇقامنى قۇتقۇزۇش ۋە رەتلەشكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتتى. ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مۇقامچىلاردىن تۇردى ئاخۇن، ھوشۇر ئاخۇن، روزى تەمبۇر، ئابدۇۋەلى جارۇللايوف ۋە زىكرى ئەلپەتتا قاتارلىق سەنئەت پېشۋالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلار ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ بىباھا سەنئەت خەزىنىسىنى كاتتا كۆرەك قىلدى. بۇ كۆرەككە ئەلۋەتتە يەنە بىر مۇنچە سەنئەت-مەدەنىيەت تەشكىلاتچىلىرى، شائىر-ئەدىبلەر، تەرجىمانلار، تېخنىكلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇلارمۇ ئۆزىگە يارىشا ھەسسە قوشتى، تۆھپە ياراتتى. بىز بۇنىڭدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىمىزكى، ئېگىز چوققىلارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن كىچىك چوققىلار بولىدۇ. سىز پەقەت تاغقا يېقىنلاشقاندىلا، ئۇلارنى كۆرەلەيسىز. ھەۋزى كەۋسەر بۇلاقلىرى ئەنە شۇ كىچىك چوققىلار باغرىدىن چىقىدۇ، بۇ بۇلاقلار ئېگىز چوققىلارنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ!

    مۇقامنىڭ تارىخى، تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى ۋە مۇقامغا تەئەللۇق بارلىق ئىشلارنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى غەيرەت ئابدۇللانىڭ «تەۋەرۈك» ناملىق بىيوگرافىك رومانىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندىكى كۆپىنچە پىكىرلەر، تۇيغۇلار يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققانلىقى، سەمىمىيلىكى تۈپەيلى ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. بىز ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ھەقىقىي بىر مۇقام شەيداسى ئىكەنلىكىگە، جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۇنى يۈرەك قېتىدا تەۋەرۈك قىلىپ ساقلاپ، ھەقلىق يوسۇندا مۇقامنىڭ قۇتقازغۇچى نىجاتكارىغا ئايلانغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلىمىز. بۇ ئىشەنچ بىزدە قانداقتۇر ساددا ھېسداشلىق ياكى قىياسەن پىكىرلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى رەت قىلغۇسىز تارىخىي پاكىت ۋە زاماننىڭ چوڭ ھەقىقىتى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ، سەمىمىيلىك ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى ۋە مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ.

    خۇلاسە شۇكى، شەرقنىڭ يارقىن يۇلتۇزى بولمىش تۇردى ئاخۇن ئاكا ۋە ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەۋەرۈك 12 مۇقامى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ۋە ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، سەنئەت ئاسمىنىدا ئەبەدىلئەبەد پارلايدۇ.