باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار — قەييۇم مۇھەممەد

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 21:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  

    قەييۇم مۇھەممەد ـ 1976-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1984–يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكولتېتى ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان .

    1988- يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ تۈزگەن «كىنو–تېلېۋىزىيە، تىياتىر تىل ماھارىتى» ناملىق كىتاب ئاكتىيورلۇق ۋە دېكور–رىياسەتچىلىك كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە «يىراق يېزىغا مۇھەببەت»، «ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان كىنو–تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئاساسلىق روللارنى ئالغان. «خېيمەن ۋە ئالەمنىڭ خوجايىنلىرى»، «گەرسىن پىدائىيلىرى» قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نادىر كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم كارتون فىلىملىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش خىزمىتىگە رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە بىۋاستە قاتناشقان. «مەھمۇد كاشغەرى»، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق رادىيو دىرامىسىغا ئاۋاز بەرگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان .

    ئۇ ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.