باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

ئاتاقلىق كومپوزىتور — ھېكىم ھەسەن

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 21:28:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


      ھېكىم ھەسەن 1951–يىلى 12–ئاينىڭ 15–كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1972–يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە خىزمەتكە چۈشكەن. 1979–يىلىدىن باشلاپ، شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىجادىيەت–دىرىژورلۇق كەسپى بويىچە تۆت يىل ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنە 20 نەچچە يىل ئىچىدە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، «نۇرخان»، «چىن مودەن»، «سىگان قىزى»، «قانلىق يىللار»، «مۇقام ئەجداتلىرى»، «يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك»، «غېرىب– سەنەم»، «تۇمان»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار»، «ئانا ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق دىراما–ئوپېرالارنىڭ؛ «مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ»، «غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى»، «يالقۇن تاغدىن كەلگەن داپچى»، «باياۋانغا كەلگەن مېھمان»، «چۆلدە بوستان»، «باغ»، «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن»، «شەيتان بىلەن ساقچى»، «ئاخىرقى كۆل»، «ماھىرەنىڭ ھەسرىتى»، «ئۆچكەن يۇلتۇز»، «غەزەپلەنگەن زەرەپشان» قاتارلىق 20 نەچچە كىنو–تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. مەرھۇم 2008–يىلى 5–ئاينىڭ 20–كۈنى 56 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.