باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

ئاتاقلىق كومېدىك ئارتىس يولۋاسخان ئىمىن

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 21:30:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

 

     مەرھۇم يولۋاسخان ئىمىن 1923–يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بالا ۋاقتىدىن باشلاپلا ئەلنەغمە ئورۇنلاش، ھەجۋىي تىپ يارىتىش جەھەتتىكى تالانتى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت ھاياتىدا «سوغۇق بىلەن ئىسسىق»، «يەتتە رەسۋا»، «ھېيتباقى بىلەن مەتباقى» قاتارلىق يۈزلىگەن ئەلنەغمە، لەپەر، ئېيتىشىش، كومېدىيە نومۇرلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغاندىن باشقا، «غېرىپ–سەنەم»، «تاھىر–زۆھرە»، «رابىيە–سەئىدى»، «ل. مۇتەللىپ»، «مۇقام ئۇستازى»، «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»، «نەسرىدىن ئەپەندى»، «يول باشلىغۇچى»، «ئۈچ ياش» ، «باغ» قاتارلىق ئونلىغان دىراما، ئوپېرا، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەھنە–ئېكران سەنئىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلىگە ئايلانغان. مەرھۇم 1986–يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن پىنسىيەگە چىقىپ 2007–يىلى 11–ئاينىڭ 17–كۈنى ۋاپات بولغان .