باش بەت>مەشھۇر ئادەملەر

راۋاب پېشىۋاسى ــ داۋۇت ئاۋۇت

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-30 21:34:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   2007–يىلى 17–نويابىر. كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى ئۈرۈمچىگە قەھرىتان قىشتىن شەپە بېرىپ تۇراتتى. مېيىت ئۇزىتىشقا چىققانلار ماشىنا–ئاپتوبۇسلارغا ئولتۇرۇپ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا سىلجىشقا باشلىغاندا، يەنئەن يولىدا گويا زور ئاپتوموبىل ئەترىتى كوللېكتىپ يۈرۈش قىلىۋاتقاندەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندى. ئەتراپنى ماتەم تۈسى قاپلىغانىدى. كىشىلەر ھەسرەت–نادامەت ئىچىدە پىغانلىق ئۇھسىنىشاتتىراۋا. ماشىنا ماتورىدىن كېلىۋاتقان يېقىمسىز ئاۋازدا كەيپىياتىم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ، قۇلاق–مېڭەم غۇڭۇلداپ كېتىۋاتاتتى. جامائەت ئۆزىنىڭ ئوت–يۈرەك سەنئەتكارىنى يەرلىكىگە قويۇۋاتقاندا، دەسلەپ ئەتراپنى ئېغىر سۈكىنات قاپلاپ، ئارقىدىنلا ئۆكسۈپ–خۇرسىنىشلار، ئۇلۇغ كىچىك تىنىشلار ئاۋۇپ كەتتى. مەن شۇندىلا، مۇزىكا ئالىمىدىكى بىر نۇرلۇق چولپاننىڭ ۋاقىتسىز ئۆچكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ بىر كىچىك پېئىل ئۇستازدىن، قەدىناس دوستىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.

   داۋۇت ئاۋۇت قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئاتىسىغا ئەگىشىپ يۇرت كېزىپ، خەلق سەنئەتكارىلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان. بۇ جەرياندا، گۈدەك داۋۇت ئاتىسى ئاۋۇت راۋاپ بىلەن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى چوڭ–كىچىك يۇرت–مەھەللىلەرنى تۈگەل ئارىلاپ، ئېتىز–قىر بويلىرىنى، ئۈژمە–توغراق سايىلىرىنى سەھنە قىلىپ، راۋاپ بىلەن مۇقام توۋلاپ ئاۋامغا شادلىق بېغىشلىغان. ئۇنىڭ بوستانلىق ئېتەكلىرىدىكى توپىلىق يوللاردا قالدۇرغان قەدەم ئىزىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، راۋاپتىن ياڭرىغان شوخ، جۇشقۇن كۈيلەرمۇ پايانسىز قۇملۇقنىڭ تىمتاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرغان... ئۇ چاغلاردا، تۇرمۇش خېلىلا جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۆز شادلىقىنى مۇزىكىدىن ئىزدەشكە كۆنۈپ كەتكەن داۋۇت ھەمىشە ئۆزىنى گويا مۇزىكا سۇلتانلىقىنىڭ شاھزادىسىدەك سېزىپ، ھاياتقا، تۇرمۇشقا ئۈمىد بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئاتىسىغا ئەگىشىپ توختاۋسىز جاھان كېزىپ يۈرگەن ئاشۇ جاپالىق مۇھىت ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، بەدىئىي دىتىنى چېنىقتۇرۇپ، تۇرمۇش بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، كېيىنكى چاغلاردا گىگانت مۇزىكا ئۇستازىغا ئايلىنىشىغا ئاساس سالغانىدى.

    1949–يىلى ئازادلىق تېڭى ئاتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، داۋۇت سەرسانىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاتىسى بىلەن تىنىچ–مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. 1957–يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە خەلق ئەدەبىيات–سەنئەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىش خىزمىتى باشلىغاندا، ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان داۋۇت ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ھەم راۋاپ چېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن كەسىپ ئەھلىلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز تىكىپ تۇرغان كاتتا پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى ئۇ شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6–نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار فېستۋالىغا قاتنىشىدۇ ھەم راۋاپ بىلەن يالغۇز كىشلىك مۇزىكا ئورۇنداپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئورۇنداپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. شۇ نۆۋەت ئۇ ئوتلۇق ئالقىش سادالىرى ئىچىدە دەستە–دەستە گۈللەرگە پۈركۈنۈپ تۇرۇپ سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى، سەنئەتكارنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇپ يېتىدۇ. فېستۋالدىن كېيىن داۋۇت شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىگە رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي سەنئەت ھاياتىنى باشلايدۇ.

    داۋۇتكام ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقىنى 30 يىل ئاۋۋالقى چاغلاردىن باشلاپ ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1977–يىلى مەن تيەنجىن مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ نەزەرىيە كومپوزىتورلۇقى فاكولتېتىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندا، داۋۇتكام ئاللىقاچان ئۆمەكنىڭ غوللۇق چالغۇچىسى سۈپىتىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانىكەن. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىن تارتىپلا ئۇنىڭ راۋاپ بىلەن ئورۇندىغان مۇزىكىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغاچقىمۇ قانداق، ئۆمەككە كەلگەن كۈنۈمدىن باشلاپ، ئۇنى غايىۋى ئۇستاز، سىرداش دوست سۈپىتىدە كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشتىم، ئۇمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەتمىدى. ئۆز ئارا چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر ئىككىمىزنىڭ مىجەزىدە جىمجىتلىقنى خالايدىغان، مەنمەنچىلىكتىن قاچىدىغان، كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ...نۇرغۇن ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇزىكىنىڭ ئېستېتىك يۈزلىنىشىگە دائىر سۆھبەرتلىرىدىمۇ گېپىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. شۇنداق قىلىپ، بىز گويا بىر–بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان ماس مۇزىكا جۈملىلىرىگە ئوخشاش ناھايتى تېزلا «بىرىكىپ»، جانجىگەر دوستلارغا ئايلىنىپ كەتتۇق. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا، مۇزىكا بىزنىڭ ئورتاق تىلىمىزغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىسى ئېقىنىدا ، ئۇنىڭ مول بىلىمى ھەم راۋاپ بىلەن ئوقۇغان ئوتلۇق ناخشىلىرى قەلب تارىمنى چېكىپ، ئىجادىيتىمگە ئىلھام ، يېڭى قان ئاتا قىلاتتى. مۇقام مېلودىيىسى بىلەن خەلق ناخشا ئاھاڭلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە قەدەر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالاتتىم. داۋۇتكام كەسپىي ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپەمنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا ئۇنىڭ سايىسى ماڭا ئەگىشىپلا يۈردى.

    داۋۇتكام گەرچە مۇنتىزىم مۇزىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ، لېكىن تۇغما مۇزىكا تالانتىغا ۋە پەۋقۇلئاددە ئورۇنداش ماھارىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ھەر قانداق مۇزىكىنى بىرلا ئاڭلاپ تولۇق ئېسىگە ئېلىۋالالايدىغان قابىليىتى مېنى ھەيران قالدۇراتتى.

    كېيىنكى يىللاردا، داۋۇتكام راۋاپ چېلىش ماھارىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش يولىدا تېنىم تاپماي ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس ئورۇنداش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەممە ئېتراپ قىلغان داڭلىق راۋاب ئۇستازىغا ئايلانغانىدى. ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغاندىن سىرت، شاگىرتلىرىغىمۇ زېرىكمەي ئۆگىتەتتى. لېكىن شاگىرتلىرىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلارنى بۇزۇپ ئورۇنداۋاتقانلىقىنى سېزىپلا قالسا، قېنى قىزىق ياشلاردەك چېچىلىپ–قايناپلا كېتەتتى. چۈنكى ئۇ، كىلاسسىك ئاھاڭلارنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئورۇنداشنى كەچۈرگۈسىز جىنايەت، سەنئەتكە، مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت، دەپ بىلەتتى ھەم كىلاسسىك ئاھاڭلارنى ئەسلىي پۇرىقى ، ئەسلىي ئۇسلۇبى بويىچە ئورۇنداشنى قاتتىق تەكىتلەيتى. ئۇنىڭ راۋاب چېلىش قائىدىسى پاكىز، چەبدەس، كەسكىن بولۇپ، ئورۇنداش ماھارىتىدىكى «ئېلاستىك، ئۇلانما، ئايلانما، سىيرىلما» پرىنسىپلىرىغا تولىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. «‹ۋاستىچى ئاۋاز›لارنى خالىغانچە قوشۇۋالماسلىق» پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغاندىن تاشقىرى، «سىيرىلما ئاۋاز»، «سۈركەلمە ئاۋاز»لارنى چىقىرىشىمۇ ناھايىتى ئىلمىي ئىدى. زەخمەك ئۇرۇشلىرى شۇ قەدەر تەبىئىي، پەدە بېسىشلىرى شۇنچە ئەركىن ئىدى. ئۇ چالغان ھەر بىر ئاھاڭ بەئەينى بىر پارچە نادىر مەنزىرە رەسىمىدەك ئىختىيارسىز ھالدا كىشى ئەقلىنى لال قىلاتتى. ئۇنىڭ چىن ئەقىدە، پاكىز ھېسسىيات ئىلىكىدە سىماپتەك ئېرىپ تۇرۇپ راۋاپنى سايرىتىپ چېلىشلىرى قەلىبلەرنى لەرزىگە كەلتۈرەتتى.

    ھەممىگە مەلۇمكى، راۋاب بىلەن ئورۇندالغان يالغۇز كىشلىك مۇزىكا «مېنىڭ راۋابىم» ــ داۋۇت ئاۋۇتنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ئىدى. بۇ مۇزىكىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغان ھەر قانداق بىر تاماشىبىن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولماي قالمايتتى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە مۇزىكا ئىدى. بىر قېتىم ئاڭلاپلا قالسىڭىز، ئۇنىڭ گۈزەل مېلودىيىسى قەلبىڭىزگە مەڭگۈلۈك نەقىش سۈپىتىدە ئورناپلا كېتەتتى. ئادەتتە مۇزىكا ساھەسىدە «ئورۇنداش ــ ئەسەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىجادىيەت جەريانى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ قىلچە مۇبالىغىسى يوق توغرا باھا. «مېنىڭ راۋابىم»نىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان، قاتتىق–يۇمشاقلىقى تەڭشەلگەن باش مېلودىيىسى داۋۇت ئاۋۇتنىڭ بىر جۈپ سىرلىق قولىدا تەلتۆكۈس، ئەڭ يۇقىرى ئەۋجىدە ياڭراپ، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تىمىنسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۆيگۈ ۋولقانىدەك يۈرەك–يۈرەكلىرىگە سىڭىپ كەتكەنىدى. قىسقىسى، بۇ راۋاب پېشۋاسى «مېنىڭ راۋابىم»نى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، ئۆلمەس ئەسەر سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە قالدۇرغانىدى. ئۇ ھەر قېتىم «مېنىڭ راۋابىم»نى ئورۇندىغاندا، مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزۈمنى مۇزىكىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك سېزىلەتتىم ھەم «بۇ مۇزىكا داۋۇتكام ئۈچۈنلا ئىجاد قىلىنغانىكەن» دەپ قالاتتىم. كېيىنچە بۇ مۇزىكىنى باشقىلارمۇ ئورۇنداپ باقتى، لېكىن ھېچقايسىسى داۋۇتكامدەك ۋايىغا يەتكۈزەلمەيتتى.

    ئىككىمىز 20 نەچچە يىللىق قوشنا ئىدۇق، «يىراقتىكى توغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەندەك، ئىككى ئائىلە ناھايىتى ئىجىل ئۆتەتتۇق. ئۆز ئارا تاماق سۇنۇشۇش دېگەنلەر دائىملىق ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى، شۇنداق بولغاچقا، تۇرمۇشىمىزدا قىزىقارلىق ئىشلارمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى ، ئۇ ئىشلارنى ھازىر ئەسلىسەم سۆيۈنۈپلا كېتىمەن.

    ئىچەرمەن دوستلىرىنىڭ زورلىشى بولسا كېرەك، داۋۇتكام بوش–بىكار چاغلىرىدا ئازدۇر–كۆپتۇر قېقىۋالاتتى. بۇرادەرلەر يىغىلىشىدا ئۇ سورۇندارچىلىق ئىستىلى، ناخشا–سازدىكى ماھىرلىقى بىلەن ھەممىنىڭ كۆزىگە ئايلىنىپ قالاتتى. شۇنداق سورۇنلاردا ئۇ ئىككى پۇتىنى ئارغىماق تۇياقلىرىدەك يەرگە گۈپۈرلىتىپ ئۇرۇپ، شىردەك ھۆركىرەپ ناخشا توۋلاپ پۈتۈن بىنانى بېشىغا كىيەتتى. بەزى كېچىلىرى نە–نەلەردىن ساق كەلگەن داۋۇتكام خاتا ھالدا بىزنىڭ ئىشىكنى مۇشتلاپ، «تەلەيخان!» دەپ ۋارقىراپ، سۈرەن سېلىپمۇ كېتەتتى. مەنمۇ ئۇنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋالاتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، مەنمۇ «ئىشىكنى خاتا چېكىش»كە ئادەتلىنىپ قالدىم. داۋۇتكاممۇ پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۆيگە باشلايتتى. تەلەيخان ھەدە پايپېتەك بولۇپ ئالدىمىزغا مۇزلىتىلغان دوغ سۈيى كەلتۈرەتتى. يېقىن–يىراقتىكى كەسپداشلىرىم ئۆيىمىزگە يىغىلىپ قالسا، ئۇستازىمنى ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە چاقىرىۋېلىشنى ئۇنتۇمايتىم. ئۇ بىر نەچچە رۇمكا قېقىۋالغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئېچىلىپ، ئوتلۇق راۋاب كۈيلىرى بىلەن سورۇننى جانلاندۇرۇۋەتتى. كىشىلەر ئادەتتە مۇزىكىدىن شادلىق، جۇشقۇنلۇق ھەم مۇڭ ئىزدەيدۇ. ھالبۇكى داۋۇتكام چالغان ھەر بىر ئاھاڭغا مۇشۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەشكەن بولاتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر مۇزىكىسى گاھ قانلارنى قاينىتىپ، ئادەمگە ئالەمچە شادلىق، چەكسىز ئۈمىد بېغىشلىسا، گاھ ئۈگە–ئۈگلەرنى بوشاشتۇرۇپ، كىشىنى چەكسىز مۇڭ قايناملىرىغا غەرق قىلىۋېتەتتى. ئۇنىڭ ئوغۇل بالىدەك مىجەزىنى، باشقىلارغا ئالدىراپ نېسىپ بولمايدىغان ئاجايىپ مۇزىكا تالانتىنى قانداقمۇ ئۇنتۇغىلى بولسۇن!