باش بەت>يېزا ئىگىلىك

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا ۋاسىتىچىلىرى يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروتىنى جانلاندۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-10 15:44:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:

 

مۇرات خەۋىرى: يېقىنقى يىللارىن بۇيان، قەشقەر  ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزا ۋاسىتىچىلىرى قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋىلايەت ھەر يىلى ھەرقايسى ناھىيەلەردىن تېرىقچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە چېتىشلىق ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينايدىغان بىر تۈركۈم يېزا ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى بازار ماركىتىڭى، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسى، سېتىش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، مەھسۇلات بىلەن ۋاسىتىچىلەرنى جىپىسلاشتۇرۇش، ۋاسىتىچى بىلەن بازارنى جىپىسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدە قېلىپلاشقان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1543 كە، كوپىراتىپ ئەزاسى 40 مىڭ 455 كە يەتتى.