باش بەت>يېزا ئىگىلىك

قەشقەر ۋىلايىتى يازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-05-31 17:09:00 مەنبە:قەشقەرگېزىتى مۇھەررىر:

 

زېڭ سۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

 ۋاڭ ۋېنبو خەۋىرى: 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى يازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكىلەرنى ۋىلايەتلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە ۋىلايەتنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن يىغىندا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ۋەزىپە مۈشكۈل. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ «مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، « <يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار> خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇش، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش» تەلىپى بويىچە، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى، كەسكىن، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىلەن ئەستايىدىل بولۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن قاتناشچىلىرى يەكەن، قاغىلىق ناھىيەلىرىدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق بادام بېغىنىڭ پەرۋىشى ۋە سەبدە گۈلنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش ھەمدە «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» قۇرۇلۇشى، «1000 مو يەرگە گىلاس تىكىش + سەبدەگۈل تېرىقچىلىقى كەسپى» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىستراھەت ساياھىتى يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى ھوسۇللۇق گىلاس بېغى پەرۋىشى ۋە ئورمان تۈۋىگە مۇچ كىرىشتۈرۈش تېرىقچىلىقى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، گۈزەل يېزا - قىشلاق بەرپا قىلىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

زېڭ سۈن خۇلاسىلەش يىغىنىدا ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: يازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇرەككەپ، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ھەرقايسى تارماقلار مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. «جىددىي بولۇش» نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياخشى سەپلەپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ياز پەسىللىك تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقانچىلىقنىڭ تېرىقچىلىق، پەرۋىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، بالدۇر پىلانلاپ، كۈز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تېرىقچىلىقتا بۇغداينىڭ ئوتتۇرا، كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئېڭىز ئورنىغا تېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېۋەز قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئورمانچىلىقتا يېڭىدىن ئەھيا قىلىنغان ئورمان ۋە يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەرنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ۋە ئالاھىدە باغ - ئورمانچىلىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. چارۋىچىلىقتا زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق نىسبىتىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنىڭ باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت نەسىللىك، بىر قېلىپلاشقان بولۇش» تىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملىك باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سورتلۇق چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپەيتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى؛ بېدە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك يەم - خەشەك نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، يەم - خەشەك بىلەن چارۋا مال تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سېتىشقا قارىتىپ، مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ، مەخسۇس كىشىنى مەسئۇل قىلىپ، كەسپىي قوشۇنغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. «ئاشلىق بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى»نى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق سېتىشتىكى تەشكىللەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ خېيىمخەتىرى بازار خېيىمخەتىرىدىن يۇقىرى» دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي تۈردە قوغداپ، ئالاھىدە باغ - ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتلىرىنى پائال، مۇۋاپىق ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغىتىشى كېرەك.

زېڭ سۈن ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، چوڭ ئىش، شۇنداقلا 1- خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)، ئورۇنلار سالماقنى زورايتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيلىشىشنى تۇتۇپ، «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش قۇرۇلۇشى» نى ۋاسىتە قىلىپ ئەمەلىيلىشىشنى تۇتۇپ، مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ ئەمەلىيلىشىشنى تۇتۇپ، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ ئەمەلىيلىشىشنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ 1- جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

زېڭ سۈن تەكىتلەپ ماۋۇلارنى كۆرسەتتى: مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)، ئورۇنلار ۋىلايەتنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياڭ جىڭ، ۋاڭ چۈنشىڭ، ۋاڭ يۇڭجى قاتارلىق ۋىلايەت رەھبەرلىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانلىرى ياكى مۇئاۋىن باش قوماندانلىرى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ شۇجى، ھاكىم، شەھەر باشلىقلىرى، ناھىيە(شەھەر)نىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە ۋىلايەتنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.