باش بەت>يېزا ئىگىلىك

قەشقەر شەھىرى كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-12 17:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر


      قەشقەر شەھىرى «كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشى» جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئوبوروت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشتەك تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، «كۆكتات باھاسى قىممەت بولۇپ شەھەر ئاممىسى سېتىۋالالماسلىق»تەك مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، «كۆكتات ھايانكەشلىرى دېھقانلارغا زىيان سېلىش» قىلمىشلىرىنى تۈپتىن تۈگەتتى.

      بۇلتۇر يىل بېشىدا، قەشقەر شەھىرى 25 كەنىتنى شەھەرنىڭ كۆكتاتچىلىق كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بېكىتتى، ھەمدە «قەشقەر شەھىرى كۆكتاتچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ 2013-2020 يىللىق پىلانى»نى ۋە 2013-يىللىق كۆكتات بازىسى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ھېيت-بايرام مەزگىللىرىدە بازارنى تەمىنلەش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، چوڭ كۆلەمدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازارلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئامبار زاپىسىنى كۆپەيتىپ، سېتىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقى ۋە تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، قەشقەر «جېڭدا» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، «يىجيا» تاللا بازىرى قاتارلىق چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى يېزائېگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە تاللار بازارلىرىدا مال مەنبەسى يېتەرلىك بولۇپ، شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 38 ئورۇندا ئېتىبار باھالىق كۆكتات سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئۈچ يېڭى پېتى ساقلاش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئالتە خىلدىكى مىڭ توننا كۆكتاتنى بازار باھاسىدىن %40-%50 تۆۋەن باھادا سېتىپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. بۇلتۇر 12- ئايدىن بۇيىل فېۋرالنىڭ باشلىرىغىچە، ھەرقايسى كۆكتات سېتىش نۇقتىلىرى مۇقىم باھادا كەڭ ئاممىنى 579 توننىغا يېقىن كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى. مالىيەدىن 5 مىليون 800 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقى ۋە كۆكتاتچىلىق بازا قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى مۇكاپاتلىدى ۋە ئۇلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بەردى. بۇ يىل قەشقەر شەھىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق پارنىك كۆكتات مايسىسىدىن 26 مىليون 438 مىڭ تۈپ يېتىشتۈردى. ئاق يەرگە كۆچۈرۈلىدىغان كۆكتات مايسىسىدىن 17 مىليون 500 مىڭ تۈپ يېتىشتۈردى. 2979 مو كۆلەمدىكى 2525 پارنىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 21 مىڭ 400 توننا پەسىلسىز كۆكتات ئىشلەپچىقاردى. يېڭىدىن 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پارنىكتىن 200 نى، 180 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پارنىكتىن 36 نى ياسىدى، 300 پارنىكنى رېمونت قىلدى. بۇ يىل 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پارنىكتىن 100 نى يېڭىدىن ياساش ۋە 25 كۆكتاتچىلىق كەسپىي كەنتىدە 25 مىڭ مو كۆكتات بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلاپ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 25 تېخنىك خادىمنى ئاجرىتىپ، شېنجىن-قەشقەر يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى رايونىدىكى 12 پارنىكتا كۆكتات تېرىقچىلىقى بويىچە تەجرىبە قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ باغچا رايونىدىكى 200 پارنىكتا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشكە ئاساس سالدى.