باش بەت>يېزا ئىگىلىك

پەيزاۋات ناھىيەسىدە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-20 21:58:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   ئالىم ياسىن خەۋىرى: پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىل «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇش، يىغىش، تېرىش خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلدى.

  ناھىيە تەۋەسىدە بۇ يىل 350 مىڭ مو بۇغداي تېرىلغان بولۇپ، پايدىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، بۇغدايلار يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى. بۇ خىل پايدىلىق پۇرسەت تەسىرىدە ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتىگە كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلارنى ۋاقتىدا تەييارلاپ، تېرىقچىلىق خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىستېمىسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ، بىخەتەرلىك ۋە تۈرلۈك تېرىقچىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتقانلىقتىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەر قايسى يېزا (بازار) لاردىكى تېرىقچىلىق خىزمەتلىرى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تولۇق ئورۇنلىنىشقا ئاساس سېلىندى.