باش بەت>يېزا ئىگىلىك

پەيزاۋات ناھىيەسى يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-25 15:16:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   جاڭ ۋېنجىڭ خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشنى يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ زور تەدبىرى قىلىپ، ئەنئەنىۋى سۇ ئىشلىرى قارىشىنى زامانىۋى سۇ ئىشلىرى قارىشىغا ئۆزگەرتىپ، ھازىرغا قەدەر، ناھىيە بويىچە يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى 387 مىڭ موغا يەتكۈزدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە باشلىدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 460 مىليون يۈەنگە يەتتى.

   پەيزاۋات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. سۇغىرىشتا ئاساسلىقى تاغلىق رايوندىكى ئېرىگەن قار سۇلىرىغا تايىنىدۇ، قىزىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇ بايلىقى پەسىل خاراكتېرلىك كەمچىل. ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2009- يىلىدىن بۇيان، بۇ ناھىيە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش تولۇقلىما مەبلىغى قاتارلىق تۈرلۈك تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى مەركەزلىك ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىغا پائال ئىلھام بەردى ۋە قوللىدى.

   بۇ ناھىيە ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، يەرلەرنى قوشۇۋېتىپ رەتلەش، موتورلۇق قۇدۇقلارنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاش، شورلۇق يەرلەرنى ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. 2016- يىلى بۇ ناھىيە يېڭىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىشتىكى ئۈنۈملۈك سۇغىرىش كۆلىمىنى 50 مىڭ مو كۆپەيتتى.

   جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان باغ - ئورمانچىلىق كەسپىگە قارىتا، بۇ ناھىيە كېۋەزنى تېمېتىپ سۇغىرىشتا تېخنىكا جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، سۇ تېجەپ سۇغىرىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىمەھەللە يېزا ھادرا كەنتى قارا ئۆرۈك ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆچەش نۇقتىسى قىلدى. تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل بۇ ناھىيە مەركەزنىڭ كىچىك تىپتىكى ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىمەھەللە يېزىسىدا تۇنجى بولۇپ بۇلاق سۈيىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ قارا ئۆرۈك بىلەن بۇغداينى قۇر ئارىلاپ  كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمىنى 1260 موغا يەتكۈزۈپ، بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدە تېرىقچىلىق كەسپى بولغان قارا ئۆرۈكنىڭ مېۋىلەش ئەھۋالىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، يېڭىدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنغان قارا ئۆرۈكنى بۇلاق سۈيىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىش ۋە كېۋەزنى تېمېتىپ سۇغىرىش رايونىدىكى زىرائەتلەر ياخشى ئاينىماقتا. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىسرائىلجان سايىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتىمىز ئۆستەڭنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئەتىياز، كۈز پەسلىدە سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىدى، ئېتىزلاردا تىكەنلىك ئوت - چۆپلەر كۆپ، سۇ، ئوغۇت پۇلى قاتارلىق چىقىملار كۆپ بولغاچقا، سۈپەتلىك قارا ئۆرۈكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئامال يوق ئىدى. بۇ يىل يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى سالا ئېتىزلار بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىلا ئەمەس، سۇ، ۋاقىت، كۈچ، ئوغۇتمۇ تېجەپ قېلىنىپ، قارا ئۆرۈكنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 500 كىلوگرام ئاشتى.