باش بەت>يېزا ئىگىلىك

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قارشى ئېلىندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-28 20:39:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما جىيابىڭ خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 12-نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ  1- كۈنى بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆپلىگەن سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ قەغەز ياڭاق، ئېگىزلىك دورا ماتېرىياللىرى، «كاڭمېي» ئاچچىقسۈيى، ئۇششارباش بازىرىنىڭ گۈلىسى، زىيانسىز كۆكتات قاتارلىقلار سودىگەرلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

   شىنجاڭ «مېيلىجىيا» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش جىڭلىسى جاڭ فېڭشىيەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسىدىن بىر تۈركۈم سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى گۈلە سېتىۋالغانىدىم. بۇ قېتىم قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىغا كېلىپ قاغىلىقنىڭ گۈلىسى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، 11-ئايدا قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ بىر تۈركۈم گۈلە سېتىۋالىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى «دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان بولۇپ، ناھىيە بويىچە ئالاھىدە باغۋەنچىلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى تايانچ كەسىپكە ئايلىنىپ، قەغەز ياڭاق، قارا خۇۋەينە گۈلىسى، سەمەت ئۆرىكى قېقى، قاغىلىق چىلىنى، دانىسى چوڭ تاتلىق ئانار قاتارلىق مول بولغان مېۋە بايلىقى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا داڭق چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ناھىيە 560مىڭ مولۇق ياڭاق كەسىپ بەلبېغى، بەشئېرىق يېزىسىنى مەركەز قىلغان 100مىڭ مولۇق دانىسى چوڭ تاتلىق ئانار كەسىپ بەلبېغى ۋە يىلقىچى يېزىسىنى مەركەز قىلغان 200مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيە بويىچە زىيانسىز، يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى (پىياز، تاتلىق بەرەڭگە تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر)نى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 300مىڭ موغا يەتكۈزدى. بولۇپمۇ بارىن يېزىسىنىڭ تاتلىق بەرەڭگىسى شۇنداقلا قوشۇمچە مەھسۇلاتى بولغان تاتلىق بەرەڭگە تالقىنى ۋە تېتىر يېزىسىنىڭ غولپىياز، باش پىيىزىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا سېتىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «يېشىل بانكا»غا ئايلاندۇردى.