باش بەت>يېزا ئىگىلىك

مارالبېشى ناھىيەسىدە 20 مىڭ مو كۆلەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىز كۆپەيتىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08 12:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:


   تۇرغۇنجان ئىمىن، پەرھات ئابدۇسوپۇر، گۈلنۇر روزى خەۋىرى: مارالبېشى ناھىيەسى بۇ يىل 28 مىليون 640 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تېمىتىپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىز كۆلىمىنى يەنە 20 مىڭ مو كۆپەيتىپ، يىللىق سۇ تېجەش ئىقتىدارىنى ئالتە مىليون كۇپقا يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيە بويىچە تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان ئېتىز كۆلىمى 340 مىڭ موغا يەتتى.