باش بەت>يېزا ئىگىلىك

كونىشەھەر ناھىيەسى يېڭىدىن 6000 پارنىك ياساپ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاساس سالدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-29 12:31:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەلىمىگۈل ئابدۇرېھىم خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كونىشەھەر ناھىيەسى مالىيەدىن 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر قايسى يېزا (بازار)لاردا 6000 پارنىك ياساپ، 18 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەت بويىچە تەقسىملەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئوغۇساق بازىرىنىڭ غوجىلا كەنتىدىكى دېھقان مەمەتئېلى رىشىت ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆزىگە تەقسىم بولغان پارنىكقا شوخلا مايسىسى كۆچۈرگىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى. ئۇ شوخلا مايسىلىرىنىڭ كۈنسېرى ياخشى ئەي بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسى ئاشتى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيە بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەسسىلەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.