باش بەت>يېزا ئىگىلىك

كونىشەھەر ناھىيەسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-29 19:44:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كې زۈنتىيەن خەۋىرى: بۇ يىل كونىشەھەر ناھىيەسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە گۈزەل يېزا - قىشلاق بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشى ۋە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى «ئەڭگۈشتەر» گە ئايلاندۇردى
.

   بۇ ناھىيە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر يېزىدىن بىردىن ئىككىگىچە ئاھالىنى تاللاپ كەنت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ،  «بىر كەنتتە بىر كورۇز بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە پىلان تۈزدى.

   خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ پايدا ھېساباتىنى ئېنىق قىلىشىغا پائال ياردەملىشىپ، ئالاھىدە باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، شۇنداقلا ئۆز جايىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىستېرېئولۇق باقمىچىلىق مەيدانى، ئورمان باقمىچىلىقى ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھويلا - ئاران ئالاھىدە باغ ئورمىنى بەرپا قىلىش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا سېلىنغان يېتەكچى مەبلەغ ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.