باش بەت>يېزا ئىگىلىك

يوپۇرغا ناھىيەسى سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى ئائىلىلەرنى يۆتكەپ قايتا ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-08 17:08:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل ناھىيەدىكى نۇقتىلىق سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان 1425 ئائىلىدىكى 3441 كىشىنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باپ كېلىدىغان ئېكولوگىيەسى ئەلا، ئەۋزەللىككە ئىگە جايلارغا قايتا ماكانلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 82 مىليون 424 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 28 نامرات كەنت، 7443 ئائىلە ۋە 26 مىڭ 334 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

   يوپۇرغا ناھىيەسى 2013-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى ئەتراپىدىكى ئائىلىلەرنى خەتەرسىز جايلارغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىناق نۇقتىسى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ناھىيە بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مەركەزنىڭ 11 مىليون 960 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىي 31 مىليون 970 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچىق يېزا تەۋەسىدىكى پاۋان سۇ ئامبىرى ئەتراپىغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان 126 ئائىلىلىك 598 كىشىنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە ئۆي ئىچى ۋە ھويلا ئەتراپىنىڭ تۈرلۈك قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈپ پۈتكۈزۈلگەن ئەمىن ئۆيلەرگە تولۇق كۆچۈرۈپ ماكانلاشتۇردى. بۇلتۇردىن بۇيان يەنە، مەركەزنىڭ 25 مىليون 120 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىي 50 مىليون 454 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تېرىم بازىرىنىڭ قارا توغراق كەنتى، ئاچچىق يېزىسىنىڭ بېلىقچى كەنتى، ئاخۇنلۇقۇم يېزىسىنىڭ ئاخۇنلۇقۇم كەنتى قاتارلىق 2- تۈركۈم قۇرۇلۇش پىلانىدىكى ئۈچ كەنت تەۋەسىدىن 338 ئائىلىلىك 1256 كىشىنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ئەلا جايلارغا يۆتكەپ قايتا ماكانلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيى ئەتراپىنى باغ-باراڭلاشتۇرۇش، قاتتىقلاشتۇرۇش، يورۇقلاشتۇرۇش، ئېغىل- قوتانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرلا ۋاقىتتا پۈتكۈزۈپ، ئاممىنى شارائىتى ئەۋزەل جايلارغا يۆتكەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.